ھۇد ئەلەيھىسسالام

ئۈچىنچى قىسسە ھۇد ئەلەيھىسسالام


1- نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن

 

ﷲنۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرىكەت بېرىپتۇ، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە تارقىلىپتۇ. .

ئۇلارنىڭ ئىچىدىن «ئاد» ئىسىملىك بىر مىللەت دۇنياغا كېلىپتۇ. ئۇلار جىسمى گويا تۆمۈردىن پۈتكەندەك ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ، ھەممىنى بويسۇندۇرىدىكەن، ئۇلارنى ھېچكىم يىڭەلمەيدىكەن. ئۇلار ھېچكىمدىن قورقمايدىكەن، ئەكسىچە ھەممە ئادەم ئۇلاردىن قورقىدىكەن.

ﷲئاد قەۋمىگە ھەممە نەرسىدە بەرىكەت بىرىپتۇ، ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى جىلغىلارغا، ئاتلىرى مەيدانلارغا، بالىلىرى ئۆيلەرگە تولۇپتۇ.

ئەگەر ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى يايلاققا، بالىلىرى ئوينىغىلى ماڭسا بۇنىڭدىن ئاجايىپ گۈزەل بىر مەنزىرە ھاسىل بولىدىكەن. ئاد قەۋمىنىڭ ياشىغان زېمىنىمۇ ئوخشاشلا ياپيېشىل بوستانلىق بولۇپ، باغچا ۋە بۇلاقلار ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە تېخىمۇ گۈزەل ھۆسن قوشىدىكەن.


2- ئادنىڭ كاپىرلىقى


بىراق، ئاد قەۋمى ﷲنىڭ بۇنچە كۆپ نېمەتلىرىگە قارىتا تەشەككۈر بىلدۈرمەپتۇ، ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئاڭلىغان ۋە زېمىندا تەسىرلىرىنى كۆرگەن توپان ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ. ئۇلار ﷲنىڭ نۇھ قەۋمىگە نىمە ئۈچۈن توپان بالاسىنى ئەۋەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئۇنتۇپ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە ئوخشاشلا بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا باشلاپتۇ.

ئۇلار ئۆز قولى بىلەن تاشلارنى ئويۇپ بۇتلارنى ياسايدىكەن، ئاندىن ئۇنىڭغا سەجدە ۋە ئىبادەت قىلىدىكەن، تىلەكلىرىنى شۇلاردىن تىلەپ، قۇربانلىقلىرىنى شۇلارغا ئاتاپ قىلىدىكەن.

ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ماڭغان «زالالەت يولى»دىن مېڭىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسوپ قالالماپتۇ، ئۇلارنىڭ ئەقىلى ئىقتىدارى ئۇلارنى «توغرا يول»غا باشلىيالماپتۇ.


3- ئادنىڭ زوراۋانلىقى


ئاد قەۋمىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقا كىشىلەرگە ئاپەت بولۇپتۇ، ئۇلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقىنى كەسپ قىلىۋاپتۇ.

ئۇلار ﷲغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمىگەن تۇرسا، ئۇلارنى قايسى بىر كۈچ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن چەكلىيەلەيدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ۋە چوڭ ساناپ، ھېساب ۋە جازاغا ئوچرىشىشتىن قورقمىغان تۇرسا، زۇلۇمدىن ئۇلارنى كىممۇ توسۇپ قالالايدۇ؟

ئۇلار باياۋاندىكى ياۋايى ھايۋانلارغا ئوخشايتتى، چوڭلىرى كىچىكلىرىگە زولۇم قىلسا، كۈچلۈكلىرى ئاجىزلىرىنى بوزەك قىلاتتى.

ئەگەر ئۇلار غەزەپلەنسە، گويا غەزەپلەنگەن پىلغا ئوخشاش ھەممىنى چەيلەپ-يانچىپ، ھالاك قىلماي قويمايتتى.

ئەگەر ئۇلار باستۇرۇپ كەلسە، زىرائەت ۋە نەسىلنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتەتتى.

ئەگەر ئۇلار بىرەر شەھەرگە باستۇرۇپ كىرسە، شەھەرنىڭ ئەزىز كىشىلىرىنى خار قىلاتتى، ئاجىزلار ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن قورقۇپ، ھەر تەرەپكە قاچاتتى.

دېمەك، ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقا كىشىلەرگە ئاپەت بولۇپتۇ.

ﷲدىن قورقمايدىغان ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان ھەرقانداق كاپىرنىڭ تەبىئىتى ئەنە شۇنداق بولىدۇ.


4- ئادنىڭ قەسىرلىرى


ئاد قەۋمى كۈنلىرىنى يەپ-ئىچىش ۋە ئويۇن-تاماشا ئىچىدە ئوتكۈزۈدىكەن، ئېسىل ئۆي-ئىمارەتلىرى ۋە ئوردا-قەسىرلىرى بىلەن بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىدىكەن. ھە دېسىلا ئۆي-ئىمارەت سېلىپ، پۇل-ماللىرىنى بۇزۇپ چاچىدىكەن.

ئۇلار قەيەردە بوش-بىكار ئورۇن ياكى ئىگىز جاي تاپسا، شۇ يەرگە ئىگىز قەسىرلەرنى بىنا قىلىدىكەن. ئۇلار گويا ئۆلمەي مەڭگۈ ياشايدىغاندىكىدەك، ھەر خىل ئۆي-ئىمارەتلەرنى سالىدىكەن.

باشقا ئادەملەر يېگىلى تاماق، كىيگىلى كىيىم تاپالمىسىمۇ، بىراق، ئۇلار ھىچنىمىگە قارىماي، ئىھتىياجىدىن ئارتۇق ئوردا-سارايلارنى سېلىۋالىدىكەن.

گەرچە بايلارنىڭ ئۆيلىرى ئولتۇرۇدىغان ئادەملەردىن خالى قالسىمۇ، بىراق، نامراتلار ئولتۇرۇشقا ئۆي تاپالمايدىكەن.

ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئوردا-قەسىرلىرىنى كۆرگەن كىشى ئۇلارنىڭ ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرمىگەن كاپىرلار ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋالالايدىكەن.


5- ھۇد ئەلەيھىسسالام


ﷲبەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇپ، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ئاد قەۋمىگە پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى ئىرادە قىلىپتۇ.

چۈنكى، ئاد قەۋمى يەپ-ئىچىش، ئويۇن-تاماشا ۋە ئۆي-ئىمارەت سېلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئەقىللىق بولسىمۇ، بىراق، ئۇلارنىڭ بۇزۇلغان ئەقلى دىني تەرەپتە كىرەككە كەلمەيدىكەن. ئۇلار دۇنياۋىي ئىشلاردا ئەقىللىق بولغىنى بىلەن دىني ئىشلاردا دۆت ۋە گالۋاڭ بولغاچقا تاشتىن ياسالغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدىكەن.

شۇڭا ﷲئۇلارنى ھىدايەت يولىغا يىتەكلەيدىغان بىر ئادەمنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشنى، بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇلار تۇنۇيدىغان ۋە سۆزىنى چۈشىنىدىغان ئادەم بولۇشىنى ئىرادە قىلىپتۇ.

بۇ پەيغەمبەر ئاد قەۋمىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئېسىل ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، ساغلام ئەقىل بىلەن ئۆسۈپ يېتىلگەن ھۇد ئەلەيھىسسالام ئىدى.


6- ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى


ھۇد ئەلەيھىسسالام قەۋمى ئىچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلىپ، مۇنداق دەپتۇ:

«‹ئى قەۋمىم! ﷲغا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ﷲدىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر›، سىلەر تۆنۈگۈن ئۆز قولۇڭلار بىلەن تاشنى ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا بۈگۈن قانداقسىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟

ﷲسىلەرنى ياراتتى، ئۇ سىلەرگە رىزىق بەردى، ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردا سىلەرگە بەرىكەت بەردى، زىرائەت ۋە نەسىلنى كۆپەيتتى، سىلەرنى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن كېيىنكى ئورۇنباسار قىلدى، جىسمىڭلارنى كۈچلۈك قىلدى.

قېنى ئويلاپ بېقىڭلارچۇ؟ ﷲنىڭ بۇ نېمەتلىرى ئۈچۈن ﷲغا ئىبادەت قىلماي، ئەكسچە ﷲنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلساڭلار بولامدۇ؟

سىلەر سۆڭەك تاشلاپ بېرىپ بېقىۋاتقان ئىتمۇ سىلەردىن ئايرىلماي، ئارقاڭلاردىن سايىدەك ئەگىشىپ يۈرىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلار باققان ئىتنىڭ باشقا بىر خوجايىننىڭ كەينىدىن كەتكەنلىكىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ بىرەر ھايۋاننىڭ تاشقا ئىبادەت قىلغانلىقىنى ياكى بۇتقا سەجدە قىلغانلىقىنى ئۇچراتتىڭلارمۇ؟

قېنى ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئىنسان ئەقىللىقمۇ ياكى ھايۋانمۇ؟ ﷲئەزىز قىلىپ ياراتقان ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىنى يوقۇتۇپ، ئۆزىنى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويسا بولامدۇ؟».


7- قەۋمنىڭ جاۋابى


ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى كۈنلىرىنى يەپ-ئىچىش ۋە ئويۇن-تاماشا ئىچىدە ئۆتكۈزەتتى. ئۇلار بۇ خىل ھاياتتىن رازى ۋە مەمنۇن ئىدى. ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان «گېپى» ئۇلارغا ئېغىر كېلىپ، ئۇلار ئۆز-ئارا شۇنداق دېيىشىپتۇ: «ھۇد نىمە دەۋاتىدۇ؟، ئۇنىڭ مەقسىتى زادى نىمىدۇ؟، بىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنەلمەيۋاتىمىز، ئۇ بىر بولسا دۆت، بىر بولسا چوقۇم ساراڭ.»

ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى يەنە بىر قىتىم ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلىپتۇ، قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى ئەلۋەتتە، (پەيغەمبەرلىك دەۋايىڭدا) يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمىز.»

ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئى قەۋمىم! مەن ئەخمەق ئەمەسمەن، بەلكى، مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن» دەپتۇ.


8- ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ پاراسىتى


ھۇد ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە ھەر كۈنى نەسىھەت قىلىپتۇ، ئۇلارنى مىھرىبانلىق ۋە ساپدىللىق بىلەن ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلىپ، مۇنداق دەپتۇ:

«ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار، تۈنۈگۈنكى دوستۇڭلار ھۇد ئەمەسمۇ؟، سىلەر مېنى تونۇمايۋاتامسىلەر؟، سىلەر نىمىشقا مەندىن قورقىسىلەر؟، نىمىشقا مەندىن قاچىسىلەر؟، مەن سىلەرنىڭ پۇل-مېلىڭلارنى ئېلىۋالمايمەن، ‹ئى قەۋمىم! مەن تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن ھەق ئالمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت مېنى ياراتقان ﷲئۈستىگە ئالغان›.

ئى قەۋمىم! سىلەر ئىمان كەلتۈرۈشتىن نىمە دەپ قورقىسىلەر؟، ئەگەر سىلەر ﷲغا ئىمان كەلتۈرسەڭلار سىلەرنىڭ مال-مۈلكىڭلار ھىچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، ئەكسچە، ﷲسىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى كەڭرى قىلىدۇ ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىڭلارنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ.

ئى قەۋمىم! ﷲنىڭ مېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىدىن نىمىشقا بۇنچە ھەيران قالىسىلەر؟، ﷲھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىۋاستە سۆزلىمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا: ‹سەن ئۇنداق قىل، سەن مۇنداق قىل› دېمەيدۇ، بەلكى، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن سۆزلەيدىغان ۋە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدىغان بىر ئادەمنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ.

مانا، مېنىڭ سىلەرگە سۆزلىشىم ۋە نەسىھەت قىلىشىم ئۈچۈن ﷲمېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، ‹سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسىنىڭ ئۆز ئىچىڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟›».


9- ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمانى


ئاد قەۋمى ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا قانداق «جاۋاپ» قايتۇرۇشنى بىلەلمەي، ئاخىرى: «ئى ھۇد! سەن ئىلاھلىرىمىزنىڭ غەزىبىگە ئۇچراپ، ئەقلىڭدىن كېتىپ قاپسەن، شۇڭا مۇشۇنداق بولىمىغۇر گەپلەرنى قىلىۋاتىسەن» دەپتۇ.

ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بۇ بىمەنە «گەپ»لىرىگە قارىتا مۇنداق دەپتۇ:

«بۇ بۇتلار تاشتىن ياسالغان، ئۇ بىراۋغا پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، سۆزلىيەلمەيدۇ، ئاڭلىيالمايدۇ ۋە كۆرەلمەيدۇ، بىراۋغا ياخشىلىق-يامانلىق ياكى پايدا-زىيان يەتكۈزۈش ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇتلارلا ئەمەس، سىلەرمۇ ماڭا پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، شۇڭا مەن سىلەرنىڭ ئىلاھلىرىڭلارغا ئىشەنمەيمەن ۋە ئۇلاردىن قورقمايمەن، ‹سىلەر شېرىڭ كەلتۈرگەن بۇتلاردىن مەن ھەقىقەتەن ئادا-جۇدامەن›، مەن سىلەردىنمۇ قورقمايمەن، ‹ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، مەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ﷲغا تەۋەككۈل قىلدىم›، ھەممە نەرسە ﷲنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولۇپ، بىر تال يوپۇرماقمۇ ﷲنىڭ رۇخسىتىسىز يەرگە چۈشمەيدۇ» دەپتۇ.


10- ئاد قەۋمنىڭ ئاسىيلىقى


ئاد قەۋمى ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىھەتلىرىنى قايتا-قايتا ئاڭلىغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرمەكتە يوق، ئەكسچە ئۇنىڭدىن قېچىپتۇ، نەسىھەت ۋە دەۋەتنىڭ ئۇلارغا قىلچىلىك پايدىسى بولماپتۇ، بەلكى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئوغىسى قايناپ، ھۇد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەپتۇ:

«ئى ھۇد، سەن قۇرۇق گەپلەرنى قىلىۋەرمە، بىز سېنىڭ بۇ گەپلىرىڭ ئۈچۈن ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەيمىز. سېنىڭچە بىز ئاشۇ ‹ئىككى ئىغىز قۇرۇق گېپىڭ› ئۈچۈن ئاتا-بوۋىلىرىمزدىن تارتىپ ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىلاھلىرىمىزدىن ۋاز كېچەرمىزمۇ؟، ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمىز.

ئى ھۇد! سەن بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىزغا ئىشەنمەيسەن ۋە ئۇنىڭدىن قورقمايسەن، ئۇنداقتا، بىزمۇ سېنىڭ ئىلاھىڭغا ئىشەنمەيمىز ۋە ئۇنىڭ ئازابىدىن قورقمايمىز. سەن بىزگە «ئازاپ» ھەققىدە بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىڭ، قېنى ئۇ ئازاپ؟، بولسا كەلتۈرۈپ باقمامسەن؟

- ئازابنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى ياراتقۇچى ئىگىمىز ﷲياخشى بىلىدۇ، «مەن پەقەت ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»- دەپتۇ ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا.

- ئۇنداقتا بىز بۇ ئازاپنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز- دەپتۇ ئۇلار.

ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قاراملىقىدىن ئەجەپلەنسە، دۆت ۋە گالۋاڭلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپتۇ.

11- ئازاپ

ئاد قەۋمى ھەر كۈنى يامغۇرنى كۈتەتتى. يامغۇرغا تەشنا بولۇپ ئاسمانغا قارايتتى. بىراق، ئاسماندا ئالىقانچىلىكمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى. ئۇلار يامغۇرغا ھەقىقەتەن مۇھتاج بولۇۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ يامغۇرغا بولغان تەقەززالىقى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتكەن ئىدى.

بىر كۈنى ئۇلار توساتتىنلا ئاسماندا ئۆزلىرى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپتۇ-دە، خۇشاللىقتىن: «بۇلۇت، بۇلۇت، يامغۇر بۇلۇتى» دەپ چۇرقىرىشىپتۇ، ناخشا ئېيتىپ تەنتەنە قىلىشىپتۇ، بىر-بىرىگە بۇلۇتنى كۆرستىپ: «قاراڭلار، ئەنە يامغۇر بۇلۇتى» دېيىشىپتۇ.

بىراق، ھۇد ئەلەيھىسسالام «ئازاپ»نىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارغا: «ياق، بۇ يامغۇر بۇلۇتى ئەمەس، بەلكى، ﷲنىڭ ئازابى» دەپتۇ.

راستلا ﷲنىڭ ئازابى يېتىپ كەلگەن ئىدى، گۆركىرەپ بوران چىقىپ كېتىپتۇ. بوران شۇ قەدەر قاتتىق ۋە كۈچلۈك چىقىپتۇكى، ئۇلار بۇنداق قاتتىق بوراننى ئەزەلدىن كۆرمىگەن ۋە ئۇ ھەقتە ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى.

بوران دەل-دەرەخلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ، ئۆيلەرنى ئۆرۈپ، چارۋا-ماللارنى ئوچۇرۇپ يىراق-يىراقلارغا ئاپىرىپ تاشلاپتۇ، قۇملار ئوچۇپ، جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپتۇ، ئادەملەر ھىچنەرسىنى كۆرەلمەي، قورقۇنچ ئىلكىدە تىپىرلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئىشىك-تۈڭلۈكلىرىنى مەھكەم تاقاپتۇ.

بالىلار ئاتا-ئانلىرىنى چىڭ قۇچاقلاپتۇ، ئاتا-ئانلار بولسا ئۆينىڭ تاملىرىغا چىڭ چاپلىشىپتۇ. بالىلار يىغلىشىپتۇ، ئاياللار يىغا-زارە قىلىپ چۇرقىرىشىپتۇ، ئەرلەر ئاھ ئۇرۇپ نالە-پەرياد قىلىشىپتۇ. گويا كىمدۇ بىراۋ: «بۈگۈن ﷲرەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھىچ كىشى ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

شۇنداق قىلىپ بوران يەتتە كېچە سەككىز كۈندۈز توختىماي چىقىپتۇ، كاپىر قەۋم ئۆلۈپ، جەسەتلىرى زىمىندا ساينىڭ تېشىدەك يېتىپتۇ، قورقۇنچلىق مەنزىرە ھۆكۈم سۈرۈپتۇ، ئۆلۈكلەرنى قاغا-قۇزغۇنلار يەپ، ئۆيلەردە ھوقۇشلار ئۇۋا تۇتۇپتۇ.

ھۇد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەر ئىمانى بىلەن نىجات تېپىپتۇ، ئاد قەۋمى بولسا كاپىرلىقى ۋە ئاسىيلىقى بىلەن ھالاك بولۇپتۇ.

«بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى ، ھۇد قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن».