ئىسلامنىڭ بەش شەرتى

ئىسلامنىڭ بەش تۈۋرىكى قايسىلار؟

 

ئىسلامدا بار بەش تەلەپ،

بىلمەي قويماڭ ئەركىلەپ.

مۇئمىن بولماس بۇنىڭسىز،

كۆرسەتسىمۇ كۆپ سەۋەپ.

 

ئىمان، ناماز شەرىتسىز،

ئۆلمىگەنگە ئۆزرە يوق.

روزا، زاكات، ھەجلەرنى،

ئىمكان بولسا قىل تولۇق.

 

ئىبادەتنىڭ شەرتىدۇر،

قەلىب، ئىخلاس بىر كىلىش.

ناماز ئەمەس تەنھەكەت،

ياكى رىيا، يۈز تېپىش.