ئىمان ئېيتىش-ئىسلامنىڭ بىرىنچى شەرتى

ئىسلامنىڭ بىرىنچى شەرتى

ئىمان ئېيتىش


كۆرمەي تۇرۇپ، ئىشەنگىن.

ياراتقۇچى رەببىڭگە.

ئىشەنچىڭدىن تۆكۈلسۇن،

ئىمان نۇرى قەلبىڭگە.

سېنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتكەن،

ئەلچىسىگە ماسلاشقىن.

دەۋزىخىدىن ساقلىنىپ،

جەننىتىگە يول ئاچقىن.