بالىلارنى قايىل قىلىڭ، مەجبۇرلىماڭ!

دوكتور مۇستاپا ئەبۇ سەئد

تەرجىمە قىلغۇچى: سادىق ئىسمائىل

بالىلارنىڭ تەربىيە ھوقۇقى


دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتلىك بولۇش ئۈچۈن ئەخلاق - پەزىلەتلىك ئائىلە قۇرۇپ چىقىش ھەممىمىز نىڭ ئارزۇسىدۇر.

بالىلارنىڭ تەربىيە ھوقۇقلىرى ئاتا - ئانىلارنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتتۇر.

ئەخلاقى ۋە پىكرى جەھەتتە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەۋلاد يتىشتۇرۇپچىقىش بىز ئاتا -ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيتىدۇر.

بىز بۇ پروگرامما ئارقىلىق سىلەر بىلەن بىرلىكتە بالا تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىنى تەپسىلى ئۆگىنىمىز.

ھەر قانداق بىر ھۈنەرنىڭ قائىدىسى بولغاندەك بالا تەربىيىلەشنىڭمۇ قائىدىسى بار.

بۈگۈنكى پروگراممىدا تەربىيىلەش قائىدىلىرىنىڭ بىرى بولغان مۇھىم بىرقائىدىنى تونۇشتۇرىمىز.

بىرىنچىى قائىدە : بالىنى قايىل قىلىڭ، مەجبۇرلىماڭ.

بالا تەربىيىلەش بىر پەن ، ھۈنەر ۋە ماھارەتتىن ئىبارەت.

كەسپىمىزگە ئالاقىدار ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشكە ۋاقىت ۋە ئىقتىساد سەرپقىلغاندەك بالا تەربىيىلەش ماھارىتىنى ئۆگىنىشكە ھەم ئالاھىدە ۋاقىت ۋە پۇلسەرپ قىلىشىمىز لازىم.

بىز بىر جانسىز نەرسە ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىشكە ، يول بەلگىلىرى، قاتناشقائىدىلىرىنى ئۆگىنىپ ئۇلارنى ھۆرمەتلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز يۇ،

نېمىشقا كائىناتتىكى ئەڭ ئەقىللىق مەخلۇق بولغان ئىنسان بىلەن مۇئامىلە قىلىشۋە بالىلارنى تەربىيىلەش قائىدىلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەيمىز؟

ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقىللىق بولىدىغان دەۋرى ئۇنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىۋاتقان بالىلىق دەۋرى. بىز بالىلارنىڭ بۇ ئەڭ ياخشى چۇشىنىدىغان دەۋرىنى قەدىرلىمەستىن،ئۇلارغا بۇيرۇقلارنى چۇشەندۇرمەستىن، سەۋەپ ۋە ماھىيەتلىرىنى بايانقىلماستىن، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى زور مىقداردىكى ئەمر - پەرمانلار بىلەنتولدۇرۇپ ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلايمىز.

كاللىمىزدا، بۇلار تېخى كېچىك پايدا - زىياننى بىلمەيدۇ ، ئاڭلايدۇ ۋە ئىتائەتقىلىدۇ دەپ قارايمىز. بۇيرۇقلارنىڭ سەۋەپلىرىنى بايان قىلغان بىلەنمۇچۇشەنمەيدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. ئەمىلىيەتتە بالىلار بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق چۈشىنىدۇ.

ئەگەر بىز بالىلارنىڭ بۇ خىل ئارتۇقچىلىقىنى نەزەردە تۇتماي ئۇلارغا توختىماي بۇيرۇق چۈشۈرىۋىرىدىغان بولساق ئۇ چاغدا بالىلارنى ئىگىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ماڭىدىغان، ئىگىسىنىڭ ئىرادىسى بويىچە پروگرامما قىلىپ تەڭشەپ قويۇلغان ماشىنا ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىمىز. بىر كونوپكىنى باسساماڭىدىغان يەنە بىر كونوپكىنى باسسا توختايدىغان ئاڭسىز ئۈسكىنىگە ئايلىنىپقىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىمىز.

بىز بالىلارنىڭ بۇيرۇق ئىجرا قىلىدىغان ماشىنا بولۇپ قىلىشىنى خالىمايمىزشۇنداقلا ئۆزىمىز مۇ بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان ماشىنىغا ئايلىنىپ قىلىشقا رازى ئەمەسمىز.

بىزنىڭ بالىلار بىلەن ئالاقىمىز ئىنساننىڭ ئىنسان بىلەن بولغان ئالاقىسى. بۇ ئالاقەبىزنىڭ كونوپكىسىنى باسمىغىچە بۇيرۇق ئىجرا قىلمايدىغان كومپىيوتېر بىلەن بولغان ئالاقىمىز دىن يۇقىرى ۋە باشقىچە بولىشى كېرەك.

ئاتا- ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ ئالاقىسى بۇيرۇق چۇشۇرىدىغان ۋە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدىغان ئالاقە بولۇپ قالسا ئۇ چاغدا بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىسەلبىي تەسىرگە ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە بالىلار كاللىسىنى ئىشلەتمەيدىغان نېمىنى بۇيرىسا شۇنى قىلىدىغان ھەتتا نېمە ئۈچۈن قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەشپ قىلىش ئىقتىدارى ئۆلىدۇ.

بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىزدىن توختاۋسىز سادىر بولىدىغان بۇيرۇق ۋەچەكلىمىلەردىن ساقلىنشىمىز كېرەك. مەسىلەن، تۇر، ماڭ، ئوقۇ، ئولتۇر، ئۇخلا ،ئۇنى قىلما، بۇنى قىلما، ئۇنى تۇتما، بۇنى باسما قاتارلىق سۆزلەر. بۇنداقبۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىمىز بىلەن بالىلارنىڭ قەلبىدە توغرا بىلەن خاتانى، ھەقبىلەن باتىلنى ئايرىدىغان ئۆلچەم، ئىدىيە ۋە قىممەت قاراشلارنى تۇرغۇزالمايمىز.

ئەگەر بالىلارغا بۇيرۇقلارنىڭ سەۋەپ ۋە پايدا - زىيانلىرىنى بايان قىلىپ، قايىل قىلماستىن بۇيرۇق قىلىۋەرسەك ئۇلارنىڭ شەيئىلەرگە قارىتا كۆز قاراش ھاسىل قىلىش، ئويلۇنۇش ۋە تەپەككۇر قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمىگەن بولىمىز.نەتىجىدە ئۇلار ئەخلاقىي قىممەتلەرنىڭ توغرا ئۆلچىمىنى بىلەلمەي قالىدۇ.

بالا شۇنداق ئويغا كېلىپ قالىدۇكى: مەن تاماكا چەكمەيمەن، چۈنكى دادام مېنىڭ تاماكا چېكىشىمنى خالىمايدۇ. مەن ئوينىمايمەن چۈنكى دادام مېنىڭ ئوينۇشۇمنى خالىمايدۇ. مەن بۇ خىل تاماقنى يېمەيمەن چۈنكى دادام بۇ خىل تاماقنى يېىىشىمنى ياقتۇرمايدۇ.

نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ قالىدۇ؟

چۈنكى بىز ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن تاماكا چەكمەسلىكنى ئۆگەتمىگەن. نېمىشقا بۇتاماقنى يېمەيسەن؟ نېمىشقا ئاۋۇ جايدا ئوينىماي بۇ جايدا ئوينايسەن؟نېمىشقا؟ نېمە ئۈچۈن دېگەن بۇ سۇئال بىزدە يوق. مانا مۇشۇ نېمە ئۈچۈننىڭ جاۋابىدا ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتىدىغان ئاڭ يۇشۇرۇنغان.

مەن تاماكا چەكمەيمەن چۈنكى ئۇ سالامەتلىكىمگە زىيانلىق، ھەممىدىن بۇرۇن ئۇ دىنىمدا چەكلەنگەن ھارام ئىش. مانا مۇشۇنداق ھەر ئىشنىڭ ماھىيتىنى بىلىپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

بالىلارنى ئىجابىي شەكىلدە ئۆز ئەركىنلىكىگە قويۇپ بېرىش ئۇلارنىڭ ئىدىيە ئەخلاق ۋە قىممەت ئۆلچىمىنى ئۆگىنىشىگە تورتكە بولىدۇ. بۇ ئەخلاقى قىممەتلەر بالىلارغا تولۇق ئىجابىي ئىستىقلالىيەت بېغىشلايدۇ.

ئەگەر ھەر بىر ئاتا - ئانا بالىلىرىغا ھەر ئىشنىڭ سەۋەب ۋە ماھىيتىنى ئىلمىي ۋە ئەمىلى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، كۈندىلىك ئىشلاردا بۇنى تەتبىقلاپ ماڭسا ھاياتىمىزدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولار؟

ئائىلە بالىلار ئۈچۈن كۈندىلىك مەكتەپ بولۇپ ئۇنىڭدا بالىلار ھەر كۈنى يىڭىدەرسلەرنى ئۆگىنىدۇ.

بالىلارغا مۇنداق چۈشەندۈرگەن ياخشى:

بالام ئالما يىگىن، ئۇنىڭدا ۋىتامىن بار، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىڭگە پايدىلىق،سۆڭەكنى كۈچلەندۈرىدۇ.

تاتلىق - تۇرۈملەرنى كۆپ يېسەڭ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ چىشقا زىيانلىق، ئۇنىڭچىشنىڭ ئارىسىدا قىپ قالغان پارچىلىرى چىشىنىڭ ئاسان چېرىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن چىش ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ، ئاخىرىدا چىشنىتارتقۇزىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ.

توك سىملىرىنى تۇتما، ئۇنىڭدا توك بار تېپۋىتىدۇ، ھاياتىڭغا خەۋپ يېتىدۇ.

ھاۋا ئىسسىق ۋاقىتتا سىرتتا ئوينىما، ئىسسىق ئوتۇپ كېتىدۇ، تېرىگە زىيانلىق.

بالدۇر ئۇخلا، سالامەتلىكىڭگە پايدىلىق، تېلېۋۇزۇرنىڭ ئالدىدا ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرۇش كۆزگە زىيانلىق.

بەك كەچ بوپ كەتتى، ھازىر ئوينايدىغان ۋاقىت ئەمەس، قۇشىنىلار ئازار يەپقالمىسۇن.

مانا مۇشۇ تەرىقىدە ئەخلاقى پرىنسىپ ۋە ئۆلچەملەرنى ئۆگىتىمىز.

ئۇلار بۇنىڭدىن نېمىنىڭ توغرا ۋە نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ۋە ھەق بىلەنباتىلنى ئايرىيالايدۇ.

بالىلارنى قايىل قىلىڭ، مەجبۇرلىماڭ دېگەن قائىدىنى قوللىنىش ئارقىلىق بالىلارھاياتىدا ئاز بولمىغان ئىجابىيلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىمىز، پاراڭلىشىمىز، ئۇلارغا بولغان مېھىر -مۇھەببىتىمىزنى ئىزھار قىلىمىز، ۋە ئۇلارغا بىرەر ئازار يېتىشتىنئەنسىرەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۇرىمىز. بۇ ئارقىلىق گىپىمىزنى ئاڭلايدىغان قىلىمىز.

ئۇلارنى كۆيۈمچانلىق ۋە تۇققاندارچىلىق رىشتىسى ئارقىلىق تەلىماتلىرىمىزغا باغلايمىز.

بىزنىڭ بۇيرۇقلىرىمىزدىن چۈشەندۈرۈش ۋە قايىل قىلىش يوقالغان چاغدابالىلارنىڭ زېھنىدا ئۆزىمىزنىڭ چوڭلار ئىچىدىكى ئۆزىدىن باشقىلارنى ئويلىمايدىغان شەخسىيەتچى ئىكەنلىكىمىز ئايان بولىدۇ.

داۋامى بار ....

مەنبە: كونا مەرىفەت مۇنبىرى