ئاتا-ئانىلارغا بىر جۈملە سۆز

ئاتا-ئانىلارغا بىر جۈملە سۆز

   ئادەم ياش ۋاقتىدا، ھەرگىزمۇ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىنى باھانە قىلىپ، بالىنىڭ ئوقۇش ۋە تەربىيلىنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، قېرىغاندىكى شانۇ-شەۋكەت ئۇن-تىنسىز يوقاپ كېتىدۇ، بىر كېرەككە كەلمەيدىغان بالا سىېنىڭ ئاخىرقى ئۆمرۈڭنى خىرەلەشتۈرىدۇ.

  بەلكىم، بىر قىسىم ئاتىلارغا، بىر قىسىم ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يۇقارقى سۆز ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرەلمەسلىكى مۇمكىن؛ ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز بولسا، ياكى نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا قەدەممۇ-قەدەم چېكىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە، سىز ئاندىن قىسقا ۋە مەنىلىك ئېيتىلغان بۇ سۆزنىڭ ماھىيىتنى ھەقىقىي يوسۇندا چۈشۈنۈپ يېتەلەيسىز. ئائىلىنى بېقىش ئۈچۈن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە پايپېتەك بولۇپ، خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن ، بالىلىرىنىڭ تەربىيلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئاتا-ئانىلار ناھايىتى نۇرغۇن. باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، ھەمىشە ئەپسوسلىنارلىق بىلەن: ھەي... ئامال يوق، خىزمەت ئالدىراش، بالىنىڭ تەربىيلىنىشىگە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن، دەيدۇ. بىر جۈپ ياشانغان ئەر-خوتۇنلار بار بولۇپ، پىنسىيەگە چىقىپ كۈندە ئۆيدە، كۆزلىرىدىن كۈندە ياش قۇرۇمايدۇ، سەۋەبى نىمە؟ ئۆزلىرىنىڭ ئامراق ئوغلى ئەسكى ئىش قىلىپ قويۇپ ھازىر سولاقتا. بۇ بىر جۈپلەر يولۇققانلىكى كىشىگە« كۆپ پۇل تاپقاننىڭ نېمىگە پايدىسى بار، پەرزەنتىڭ شان-شەرەپ كەلتۈرەلمىسە ھەممىسى نۆلگە تەڭ» دەپ يۈرمەكتە. كىچىك ۋاقىتتا ئاتا-ئانا بولسا بالىلارنىڭ تۈرۈكى، پەرزەنتلەر چوڭ بولغاندا، پەرزەنت ئاتا-ئانىنىڭ تۈۋرىكىدۇر.

  خىزمەت مۇھىممۇ ياكى بالىنى تەربىيلەش مۇھىممۇ؟ياكى بۇ ئىككىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇق نوقتىسىنى تېپىش مۇھىممۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ھازىر كىشىلەر ھەممىسى ئەمەلىيەتنى سۆزلەيدۇ، خىزمەت قىلىش ئائىلە ئۈچۈن، خىزمەت قىلىش پەرزەنتلەر ئۈچۈن. ئاتا-ئانىلار نوقتىسىدىن ئىيتقاندا، بەزى ۋاقىتتا، بالىلارغا بېرەلىگۈدەكنى ئامال قىلىپ بېرىشنى ئويلىشىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، بالىنىڭ ئوقۇشىغا قارىتا، مەكتەپ تاللىغىلى بولسا، ئامال بار ياخشىسىنى تاللاش؛ بالىنىڭ تەربىيە ئىشىدا ئەڭ ياخشى تەربىيە ئۇسولىنى تاللاش. بەزى ئاتا-ئانىلار، بالام ئۆرلەپ ئوقۇش ئالدىدا تۇرىدۇ، ئەمما بالامنىڭ ھەر قايسى شەرتلىرى بىر ياخشى مەكتەپكە كىرىشكە توشمايدۇ،دەيدۇ. بۇنى ئاتا-ئانىدىن كۆرگىلى بولماس؟ ئەمەلىيەتتە، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، چوقۇم ھەرخىل ئاماللارنى ئىزدەپ يۈرۈپ ھەل قىلىدۇ؛ ئەمما بالىنىڭ تەربىيە ئېلىش ۋە ئوقۇشىغا ئانچە بەك كۈچەپ كەتمەيدۇ؟ ئۇمومەن، ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ پەرزەنت تۇغۇلغاندا، ئەڭ مۇھىم ئىش خىزمەت بولماستىن، بالىنىڭ تەربىيە ئىشى بولۇشى كېرەك. ئاخىرىدا بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ خۇشال –خورام بۇلۇشىنى ، پەرزەنتلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇتۇقلىرى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن جاپاكەش ئاتا-ئانىلارنىڭ قورۇق باسقان يۈزلىرىنى تەبەسسۇم جىلۋىلىرى بىلەن نۇرلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


مەنبە: ئۆزلۈك مائارىپ مۇنبىرى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىراخمان رىشىت


مۇئەللىم تورىدىن كۆچۈرۈلدى