ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام

بەشىنجى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام


1- بۇتلارنى كىم سۇندۇردى؟


ناھايتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى بىر شەھەردە تولىمۇ مەشھۇر بىر ئادەم بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئىسمى ئازەر بولۇپ، ئۇ بۇتلارنى ياساپ ساتىدىكەن.

بۇ شەھەردە يەنە ناھايتى چوڭ بىر ئۆي بولۇپ، ئۇنىڭدا نورغۇن بۇتلار بار ئىكەن. كىشىلەر بۇ بۇتلارغا باش ئۇرىدىكەن. ئازەرمۇ بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدىكەن ۋە ئۇنىڭغا باش ئۇرىدىكەن.


2- ئازەرنىڭ بالىسى


ئازەرنىڭ تولىمۇ ئەقىللىق بىر بالىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىبراھىم ئىكەن. ئىبراھىم كىشىلەرنىڭ بۇتلارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا باش ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىدىكەن.

ئىبراھىم بۇتلارنىڭ تاشتىن ياسالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئاڭلىيالمايدىغانلىقىنى؛ بىراۋغا قىلچىلىك پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. ئۇ يەنە ئەگەر بۇتلارنىڭ ئۈستىگە چىۋىنلەر قونۇۋالسا ياكى بۇتلارنىڭ ئالدىغان تىزىپ قويۇلغان تاماقلارنى چاشقانلار يەپ كەتسە، بۇتنىڭ ئۇلارنى ھەيدىۋىتەلمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىكەن.

شۇڭا ئىبراھىم: «كىشىلەر نىمىشقا بۇتلارغا سەجدە قىلىدىغاندۇ؟، نىمىشقا تىلەكلىرىنى بۇتلاردىن تىلەيدىغاندۇ؟» دەپ ئۆز-ئۆزىگە سوئال قويىدىكەن.


3- ئىبراھىمنىڭ نەسىھىتى


بىر كۈنى ئىبراھىم ئاتىسىغا مۇنداق دەپتۇ:

«ئاتا! سىز نىمىشقا بۇتلارغا ئىبادەت قىلىسىز؟، نىمىشقا ئۇنىڭغا باش ئۇرىسىز؟، بۇتلار سۆزلىيەلمىسە، ئاڭلىيالمىسا، بىراۋغا قىلچىلىك پايدا-زىيان يەتكۈزەلمىسە، نىمىشقا تىلەكلىرىڭىزنى ئۇنىڭدىن تىلەيسىز؟، بۇتلار يەپ-ئىچمىسە نىمىشقا ئۇنىڭ ئالدىغا تاماق ۋە شارابلارنى تىزىپ قويسىز؟»

ئازەر چۈشەنمەستىن غەزەپلىنىپتۇ. ئىبراھىم قەۋمىگە نەسىھەت قىلىپتۇ، بىراق، ئۇلارمۇ چۈشەنمەستىن غەزەپلىنىپتۇ.

«ئۇلار بىر يەرگە كەتكەن چاغدا، مەن بۇتلارنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن، ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا چۈشىنىپ قالىدۇ» دەپتۇ ئىبراھىم ئۆز-ئۆزىگە.


4- ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ تاشلايدۇ


بايرام يېتىپ كەپتۇ، چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەم بايرام قىلغىلى چىقىپ كېتىپتۇ، ئىبراھىمنىڭ ئاتىسى چىقىش ئالدىدا ئىبراھىمغا: «سەن بىز بىلەن بىللە چىقمامسەن؟» دەپتۇ.

- ياق، مەن ئاغىرىپ قالدىم- دەپتۇ ئىبراھىم.

كىشىلەر بايرامغا كەتكەندىن كېيىن، ئۆيىدە يالغۇز قالغان ئىبراھىم بۇتلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بۇتلارغا: «قېنى سۆزلىمەمسىلەر؟ سۆزۈمنى ئاڭلاۋاتامسىلەر؟، بۇ تاماقلارنى يەپ، شارابلارنى ئىچمەمسىلەر؟» دەپتۇ.

بىراق، بۇتلار تاشتىن ياسالغان بولغاچقا، ئۇلاردىن ھىچقانداق سادا كەلمەپتۇ.

- ھوي، سىلەرگە نىمە بولدى؟ سۆزلىمەيسىلەرغۇ؟- دەپتۇ ئىبراھىم. بۇتلار يەنىلا سۈكۈت ئىچىدە تۇرىۋېرىپتۇ. غەزەپلەنگەن ئىبراھىم قولىغا پالتىنى ئېلىپ، بۇتلارنىڭ ھەممىنى چېقىپ تاشلاپتۇ. بىراق، چوڭ بۇتنى قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ بوينىغا پالتىنى ئېسىپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ.


5- بۇنى كىم قىلدى؟


كىشىلەر بايرامدىن قايتىپ كېلىپ، بۇتخانىغا كىرىپتۇ. بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن بۇتلارغا باش ئۇرۇپ خۇشاللىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولۇپتۇ. بىراق، كىشىلەر بۇتلارنىڭ چېقىۋىتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھەيرانلىقتىن چۆچۈپ كىتىپتۇ، غەزەپتىن كۆزلىرى چەكچىيىپتۇ.

- «بىزنىڭ بۇتلىرىمىزنى كىم مۇنداق قىلدى؟»- دەپتۇ ئۇلار.

- «ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق (ئىھتىمال شۇ قىلغان بولۇشى مۇمكىن)»- دېيىشىپتۇ ئۇلارنىڭ بەزىسى.

- «ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى سەن مۇشۇنداق قىلدىڭمۇ؟» دەپتۇ ئۇلار.

- «(ياق، مەن ئەمەس) بەلكى، ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئەگەر ئۇلار سۆزلىيەلىسە، (كىمنىڭ چاققانلىقىنى) ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!»- دەپتۇ ئىبراھىم.

كىشىلەر بۇتلارنىڭ تاشتىن ياسالغانلىقىنى، تاشنىڭ سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئاڭلىيالمايدىغانلىقىنى؛ چوڭ بۇتنىڭمۇ ئوخشاشلا تاشتىن ياسالغانلىقىنى، باشقا بۇتلارنى چېقىپ تاشلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز ئورنىدىن مىدىر-سىدىر قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. شۇڭا ئىبراھىمغا: «ئى ئىبراھىم سەن بۇتلارنىڭ سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلىسەنغۇ؟» دەپتۇ ئۇلار.

- بۇتلار بىراۋغا پايدا-زىيان يەتكۈزەلمىسە، نىمىشقا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىسىلەر؟، ئۇ سۆزلىيەلمىسە ۋە ئاڭلىيالمىسا قانداقسىگە تىلەكلىرىڭلارنى ئۇلاردىن تىلەيسىلەر؟، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟ سىلەردە ئەقىل يوقمۇ؟- دەپتۇ ئىبراھىم ئۇلارغا.

ئۇلار قىلغىلى گەپ تاپالماي، خىجالەت ئىچىدە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ.


6- ئوت سوغۇق


كىشىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ: «ئەمدى قانداق قىلىمىز؟، ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ تاشلاپ، ئىلاھلارغا ھاقارەت قىلىدى، ئۇنى قانداق جازالىساق بولار؟» دېيىشىپ ئۆز-ئارا مەسلىھەت قىلىشىپتۇ ۋە ئاخىرىدا: «ئۇنى كۆيدۆرۈپ ئىلاھلىرىمىزغا ياردەم بېرەيلى» دېگەن يەرگە كېلىشىپتۇ.

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئوت يېقىپ، ئىبراھىمىنى ئوتقا تاشلاپتۇ. بىراق، ﷲئىبراھىمىغا ياردەم بېرىپ، ئوتقا: « ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق (بەخش ئېتىدىغان) بولۇپ بەرگىن» دەپتۇ.

بىردىنلا ئوت سوۋۇپ، ئىبراھىمغا سالقىنلىق بەخش ئېتىپتۇ. كىشىلەر ئوتنىڭ ئىبراھىمغا ھىچقانداق زىيان يەتكۈزمىگەنلىكىنى، ئىبراھىمنىڭ ئوت ئىچىدە خۇشال ۋە خاتىرجەم تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قاپتۇ.


7- مېنىڭ پەرۋەردىگارىم كىم؟


بىر كۈنى كىچىسى ئىبراھىم بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ، (قەۋمنى پاكت ئارقىلىق قايىل قىلىش ئۈچۈن): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دەپتۇ. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي يۇلتۇز پېتىپ كېتىپتۇ، «ياق، بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئەمەس، (چۈنكى، پەرۋەردىگار دېگەن يوق بولۇپ كەتمەيدۇ)» دەپتۇ.

ئاي تۇغۇپتۇ، «مانا، بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىم» دەپتۇ. ئايمۇ پېتىپ كېتىپتۇ. «ياق، بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئەمەس» دەپتۇ. تاڭ ئېتىپ، ئاسمانغا قۇياش چىقىپتۇ. «مانا بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىم، چۈنكى، بۇ ھەممىدىن چوڭ» دەپتۇ. كەچ كىرىپ قۇياشمۇ پېتىپ كېتىپتۇ.

«ياق، بۇمۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئەمەس، چۈنكى، ﷲمەڭگۈ تىرىكتۇر، ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، ئەبەدىي يوقالمايدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ھىچنەرسە ئۇنى بويسۇندۇرالمايدۇ.

يۇلتۇز ئاجىز، تاڭ ئۇنى بويسۇندۇرىدۇ، ئاي ئاجىز، قۇياش ئۇنى بويسۇندۇرىدۇ، قۇياش ئاجىز، كېچە ئۇنى بويسۇندۇرىدۇ، بۇلۇت ئۇنى توسۇۋالىدۇ.

يۇلتۇز، ئاي ۋە قۇياش ئاجىز بولغاچقا ماڭا ياردەم بىرەلمەيدۇ، بەلكى، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان، ئەبەدىي يوقالمايدىغان، ھىچنەرسە ئۇنى بويسۇندۇرالمايدىغان تىرىك، كۈچلۈك ۋە ھەممىدىن غالىپ ﷲماڭا ياردەم بېرىدۇ» دەپتۇ.


8- مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ﷲ


ئىبراھىم ﷲنىڭ ئۆز پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىنى، ﷲنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان، ئەبەدىي يوقالمايدىغان، ھىچنەرسە ئۇنى بويسۇندۇرالمايدىغان تىرىك، كۈچلۈك ۋە ھەممىدىن غالىپ زات ئىكەنلىكىنى تونۇپتۇ.

ئىبراھىم يەنە ﷲنىڭ يۇلتۇز، ئاي ۋە قۇياشنىڭ پەرۋەردىگارى، شۇنداقلا پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىنى تونۇپتۇ.

ﷲئىبراھىمنى ھىدايەت قىلىپ، پەيغەمبەر ۋە دوست قىلىپ تاللاپتۇ. قەۋمىنى ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلىشقا ۋە ئۇلارنى بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن چەكلەشكە بۇيرۇپتۇ.


9- ئىبراھىمنىڭ دەۋىتى


ئىبراھىم ئۆز قەۋمىنى ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلىپ، ئۇلارنى بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇپتۇ.

- سىلەر نىمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟- دەپ سوراپتۇ ئىبراھىم ئۇلاردىن.

- «بۇتلارغا ئىبادەت قىلىمىز»- دەپتۇ ئۇلار.

- « دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار (دۇئايىڭلارنى ئاڭلامدۇ؟)، يا سىلەرگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟»- دەپ سوراپتۇ ئىبراھىم ئۇلاردىن.

- ياق، «ئۇنداق ئەمەس، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بايقىدۇق»- دەپتۇ ئۇلار.

ئىبراھىم ئۇلارغا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:

«مەن بۇتلارغا ئىبادەت قىلمايمەن، بەلكى، مەن بۇ بۇتلارنىڭ دۈشمىنىمەن، مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ﷲغا ئىبادەت قىلىمەن، ‹ئۇ مېنى ياراتقان، ئۇ مېنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇ مېنى تاماق ۋە ئۇسسۇلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئاغرىپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ، ئۇ مېنى قەبزى روھ قىلىدۇ، كېيىن يەنە تىرىلدۈرىدۇ.›

بۇتلار يارىتالمايدۇ ۋە ھىدايەت قىلالمايدۇ، بىراۋغا تاماق ۋە ئىچىملىك بىرەلمەيدۇ، ئاغرىپ قالسا ساقايتالمايدۇ، ئۆلتۈرەلمەيدۇ ۋە تىرىلدۈرەلمەيدۇ.»


10- پادىشاھنىڭ ئالدىدا


شەھەردە بىر زالىم پادىشاھ بار ئىدى، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھقا سەجدە قىلىپ، ئۇنىڭغا باش ئۇراتتى. پادىشاھ ئىبراھىمنىڭ يالغۇز بىر ﷲدىن باشقا ھېچكىمگە سەجدە قىلمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ ۋە ئىبراھىمنى چاقىرتىپتۇ.

ئىبراھىم ئوردىغا كىرىپتۇ، ئۇ ﷲدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدىكەن.

- ئى ئىبراھىم سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ كىم؟- دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.

- مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ﷲ- دەپتۇ ئىبراھىم پادىشاھقا.

- ﷲدېگەن كىم- دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.

- «ﷲدېگەن (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدىغان، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدىغان زات»- دەپتۇ ئىبراھىم.

- «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن»- دەپتۇ پادىشاھ ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كېلىپ، بىرىنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە بىرىنى قويۇپ بېرىپتۇ، ئاندىن: «قانداق، مەنمۇ ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈرەلەمدىكەنمەن؟» دەپتۇ كۆرەڭلىگەن ھالدا.

پادىشاھ تولىمۇ دۆت ھەم مۇشرىك ئىكەن، شۇڭا ئىبراھىم پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ھەقنى چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە پادىشاھقا: «ﷲكۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (ئەگەر سەن ھەقىقەتەن قۇدرەتلىك بولساڭ) قېنى ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دەپتۇ.

(بۇنداق پاكىت ئالدىدا) پادىشاھ ئېغىز ئاچالماي قاپتۇ، ئۇ قىلغىلى گەپ تاپالماي خىجالەتكە پېتىپتۇ.


11- ئاتىنى دەۋەت قىلىش


ئىبراھىم ئاتىسىنى ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلىشنى ئىرادە قىلىپ، ئۇنىڭغا: «ئى ئاتا! سىز نىمىشقا ئاڭلىمايدىغان ۋە كۆرمەيدىغان جانسىز بۇتقا ئىبادەت قىلىسىز؟، نىمىشقا قىلچىلىك پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنىسىز؟، جېنىم ئاتا! سىز شەيتانغا ئىبادەت قىلماڭ، بەلكى، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى مىھرىبان ﷲغا ئىبادەت قىلىڭ!» دەپتۇ.

ئىبراھىمنىڭ ئاتىسى غەزەپلىنىپ: «ئاغزىڭنى يۇم، ئەگەر يەنە گەپ قىلىدىغان بولساڭ، مەندىن تايىقىڭنى يەيسەن» دەپتۇ ئىبراھىمغا.

ئىبراھىم تولىمۇ ئاقكۆڭۈل ۋە سەمىمى ئىدى، شۇڭا ئۇ ئاتىسىغا: «ئامان بولۇڭ ئاتا، مەن كەتتىم، مەن بۇ يەردىن كېتىپ، پەرۋەردىگارىمىغا ئىبادەت قىلاي» دەپتۇ.

ئىبراھىم قاتتىق ئەپسۇسلىنىپتۇ. ئۇ باشقا بىر شەھەرگە كېتىپ، شۇ جايدا ﷲغا ئىبادەت قىلىشنى، كىشىلەرنى ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلىشنى ئىرادە قىلىپتۇ.


12- مەككىگە


ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى، ئاتىسى ۋە پادىشاھ ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەچكە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام باشقا بىر شەھەرگە كېتىپ، شۇ جايدا ﷲغا ئىبادەت قىلىشنى ۋە كىشىلەرنى ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلىشنى ئىرادە قىلىپتۇ.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاتىسى بىلەن خوشلىشىپ، شەھەردىن چىقىپتۇ. ئۇ ئايالى ھاجەرنى ئېلىپ مەككىگە قاراپ مېڭىپتۇ. شۇ چاغدا مەككە نە قۇدۇق-ئۆستەڭ، نە ئادەم ۋە ھايۋانات بولمىغان بىر جەزىرە ئىكەن.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەككىگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ ئايالى ھاجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىلنى مەككىدە قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى قايتماقچى بولۇپتۇ.

- ئى ﷲنىڭ ئەلچىسى بىزنى تاشلاپ قەيەرگە بارىسىز؟، نە سۇ، نە يىمەكلىك بولمىغان بۇ جايدا بىزنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشقا سىزنى ﷲبۇيرىدىمۇ؟- دەپتۇ ھاجەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا.

- شۇنداق، بۇ ئىشقا مېنى ﷲبۇيرىدى- دەپتۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام.

- ئۇنداقتا، ﷲھەرگىز بىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ- دەپتۇ ھاجەر.


13- زەمزەم قۇدۇقى


ئىسمائىل قاتتىق ئوسساپ كېتىپتۇ، ئانسى ئۇنىڭ ئوسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سۇ ئىزدەپتۇ. بىراق، مەككىدە نە قۇدۇق، نە ئۆستەڭ بولمىسا قانداقمۇ سۇ تاپقىلى بولسۇن؟!

ھاجەر سۇ ئىزدەپ سەفا تېغى بىلەن مەرۋە تېغى ئوتتۇرىسىدا ئۇياندىن بۇيانغا يۈگرەپتۇ. ﷲھاجەر ۋە ئىسمائىلغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا سۇ پەيدا قىلىپ بېرىپتۇ.

زېمىندىن بۇلدۇقلاپ سۇ چىقىشقا باشلاپتۇ. ئىسمائىل بىلەن ھاجەر سۇدىن قانغۇچە ئىچىپتۇ. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن زېمىندا «زەمزەم» قۇدۇقى ھاسىل بولۇپتۇ. ﷲزەمزەمگە بەرىكەت بېرىپتۇ.

ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەج قىلغىلى كەلگەن كىشىلەر زەمزەم سۈيىدىن قانغۇچە ئىچىپ، ئۇنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كەتمەكتە.

كىچىك دوست، سىز زەمزەم سۇيىنى ئىچىپ باققانمۇ؟


14- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشى


ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىر مەزگىلدىن كېيىن مەككىگە قايتىپ كېلىپ، ئائىلسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپتۇ. ئۇ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئايالى ھاجەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئائىلە شاتلىقىغا چۈمۈپتۇ.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قەيەرگە بارسا ئوغلى ئىسمائىل ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىللە بېرىپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلىغا بارغانچە ئامراق بولۇپ كېتىپتۇ.

بىر كۈنى كىچىسى ئبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوخلاۋىتىپ، ئوغلى ئىسمائىلنى بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرۈپتۇ. ئۇ ھەق پەيغەمبەر بولغاچقا، ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشىمۇ راست ئىكەن. ئۇ ﷲنىڭ دوستى بولغاچقا ﷲئۇنى چۈشىدە بۇيرىغان ئىشنى قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئوغلى ئىسمائىلغا: ««ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ﷲنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دەپتۇ.

- «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»- دەپتۇ ئىسمائىل ئاتىسىغا.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قولىغا پىچاقنى ئېلىپ، ئوغلىنى كەينىگە سېلىپ، مىنا تېغىغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ ئىسمائىلنى بوغۇزلاش ئۈچۈن ئۇنى يەرگە يېنىچە ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ بوغۇزىغا پىچاقنى سۈرۈپتۇ.

ﷲدوستى ئىبراھىمنىڭ ئۆزى بۇيرىغان ئىشنى ئەمەلىيەتتە قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى ، ﷲغا بولغان مۇھەببىتى بىلەن ئوغلىغا بولغان مىھرىدىن قايسىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى سىناپ باقماقچى ئىكەن.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام سىناقتىن ئۆتۈپتۇ. ﷲجىبرىئىل ئارقىلىق جەننەتتىن بىر قوچقارنى ئەۋەتىپ، ئىسمائىلنىڭ ئورنىدا قوچقارنى بوغۇزلاشقا بۇيرۇپتۇ.

ﷲئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئەمىلىنى ياخشى كۆرگەچكە، بارلىق مۇسۇلمانلارنى قۇربان ھىيتتا قۇربانلىق قىلىشقا (مال بوغۇزلاشقا) بۇيرۇپتۇ.

ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ﷲنىڭ رەھمەت ۋە سالامى بولسۇن!!!


15- كەئبە


ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەككىدە ﷲئۈچۈن بىر ئۆي بىنا قىلىشنى ئىرادە قىلىپتۇ. چۈنكى، ئۆيلەر كۆپ بولسىمۇ، بىراق، مەخسۇس ﷲئۈچۈن ئىبادەت قىلىدىغان ئۆي تېخى زېمىندا مەۋجۇت ئەمەسكەن. ئىسمائىلمۇ ئاتىسىغا ياردەملىشىپ، كەئبىنى بىنا قىلىشىپ بەرمەكچى بولۇپتۇ.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسسالام ئوغلى ئىسمائىل بىلەن تاغدىن تاش توشۇپ، ئۆز قولى بىلەن كەئبىنى بىنا قىلىپتۇ. ئاتا-بالا ئىككىسى ﷲنى ئەسلەپ، ﷲغا دۇئا قىلىپتۇ:

«پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن دۇئايىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، نىيىتىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن»

ﷲئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قوبۇل قىلىپ، كەئبىگە بەرىكەت بېرىپتۇ.

بىز ھەر بىر نامازدا كەئبىگە يۈز كەلتۈرىمىز، مۇسۇلمانلار ھەج مەزگىلىدە كەئبىگە بارىدۇ، كەئبىنى تاۋاپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ.

ﷲكەئبىگە بەرىكەت بېرىپ، ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قۇبۇل قىلغاي! ئىبراھىم، ئىسمائىل ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلغاي! (ئامىن!).


16- بەيتۇل مۇقەددەس


ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سارە ئىسىملىك يەنە بىر ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىسھاق ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇلۇپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسھاق بىلەن بىر مەزگىل شامدا تۇرۇپتۇ.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام مەككىدە كەئبىنى بىنا قىلغاندەك، ئىسھاق ئەلەيھىسسالاممۇ شامدا ﷲئۈچۈن بىر ئۆي بىنا قىلىپتۇ.

ئىسھاق ئەلەيھىسسالام شامدا بىنا قىلغان بۇ مۇقەددەس ئۆي (بەيتۇل مۇقەددەس) مەسجىدۇل ئەقسا بولۇپ، ﷲئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپتۇ.

ﷲئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرىكەت بەرگەندەك، ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ بەرىكەت بېرىپتۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار دۇنياغا كېلىپتۇ.

ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ يەئقۇب ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ﷲئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللاپتۇ، ئۇنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يۈسۈفنىڭ قۇرئان كەرىمدە ئاجايىپ گۈزەل بىر قىسسىسى بار.

كىچىك دوست! كېلىڭ مەن سىزگە يۈسۈفنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەپ بېرەي!.