يۈسۈف ئەلەيھىسسالام

ئالتىنجى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام


1- ئاجايىپ چۈش


كىچىك يۈسۈف تولىمۇ چىرايلىق ۋە ئەقىللىق بالا ئىدى. ئۇنىڭ ئۇن بىر قېرىندىشى بولۇپ، ئاتىسى يەئقۇب باشقا بالىلىرىغا قارىغاندا، يۈسۈفكە بەكرەك ئامراق ئىدى.

بىر كۈنى كىچىسى يۈسۈف ئوخلاۋېتىپ، ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ. ئۇ چۈشىدە 11يۇلتۇز ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ئۆزىگە سەجدە قىلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.

ئۇ يۇلتۇز ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ئادەمگە سەجدە قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمەي، بۇ ئاجايىپ چۈشتىن ھەيران بولۇپتۇ-دە، ئاتىسى يەئقۇبنىڭ ئالدىغان بېرىپ، كۆرگەن چۈشىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىپ: «ئى ئاتا! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دەپتۇ.

يەئقۇب پەيغەمبەر ئىدى، ئۇ بۇ چۈشنى ئاڭلاپ ناھايتى خۇشال بولغان ھالدا، ئوغلى يۈسۈفكە: «ئى ئوغلۇم! ئىشلىرىڭدا ﷲساڭا بەرىكەت بەرسۇن، بۇ چۈش ئىلىم ۋە پەيغەمبەرلىكنىڭ بىشارىتى. پات ئارىدا زور ئىشلارغا مۇۋەپپەق بولىسەن. ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى ﷲئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ» دەپتۇ.

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ياشانغان، تەجرىبىلىك كىشى ئىدى. ئۇ ئادەملەرنىڭ تەبىئىتىنى، شەيتاننىڭ ئادەملەرنى قانداق ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭغا قانداق زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ يۈسۈفكە: «ئى ئوغلۇم! سەن بۇ چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭدىن بىرەرىگە ئېيتمىغىن، بولمىسا ئۇلار ھەسەتخورلۇق قىلىپ، ساڭا دۈشمەنلىك قىلىپ قويىشى مومكىن» دەپتۇ.


2- قېرىنداشلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى


يۈسۈفنىڭ بۇنيامىن ئىسىملىك يەنە بىر ئىنىسى بار ئىدى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام باشقا بالىلىرىغا قارىغاندا، يۈسۈف بىلەن بۇنيامىنغا بەكرەك ئامراق ئىدى. شۇڭا ئاكىلىرى ئۇ ئىككىسىگە ھەسەت قىلىپ: «ئاتىمىز نىمىشقا يۈسۈف بىلەن بۇنيامىنغا ئامراق؟، نىمىشقا ئۇ ئىككىسنى بىزدىن بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ؟، بىز كۈچلۈك ۋە قاۋۇل تۇرۇپ، نىمىشقا ئاتىمىزنىڭ نەزىرىدە ئاشۇ ئىككى شۇمتەكچىلىك بولالمايمىز؟» دەپ ئاچچىقلىناتتى.

يۈسۈف كىچىك بولغاچقا ئاتىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئونتۇپ، ھىلىقى كۆرگەن چۈشىنى ئاكىلىرىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئاكىلىرىنىڭ ھەسەتخورلۇقى تېخىمۇ كۈچىتىپ، يۈسۈفكە بولغان دۈشمەنلىكى ھەسسىلەپ ئېشىپتۇ.

بىر كۈنى يۈسۈفنىڭ ئاكىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ: «بىز يۈسۈفنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى ياكى بولمسىا يىراق بىر يەرگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتەيلى، شۇنداق قىلساق بىز ئاتىمىزنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىگە ئوڭچە ئىرىشەلەيمىز» دەپ مەسلىھەتلىشىپتۇ.

- ياق، ئۇنى ئۆلتۈرمەي، يول بويىدىكى قۇدۇققا ئاپىرىپ تاشلىۋېتەيلى، يولدىن ئۆتكەن يولۇچىلار ئېلىپ كەتسۇن- دەپتۇ ئارىدىن بىرەيلەن.

- بولىدۇ، شۇنداق قىلايلى- دېيىشىپ ھەممىسى شۇ پىكىرگە قوشۇلۇپتۇ.


3- ئاتىغا قويۇلغان تەلەپ


ئۇلار كېلىشىۋالغىنى بويچە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپتۇ. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىنىڭ يۈسۈفكە ھەسەت قىلىپ، ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇلارنىڭ يۈسۈفكە زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئاكىلىرى بىلەن بىر يەرگە بىللە ئەۋەتمەيتتى. يۈسۈف ھەمىشە ئىنىسى بۇنيامىن بىلەن بىللە ئوينايتتى. ئاكىلىرى بۇنى ياخشى بىلسىمۇ، بىراق، ئۇلار يامان نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاتىسىغا مۇنداق دەپتۇ:

«ئى ئاتا! سەن نىمىشقا يۈسۈفنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتمەيسەن؟، سەن نىمىدىن ئەنسىرەيسەن؟، ئۇ بىزنىڭ سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز، ھەممىمىز بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى تۇرساق، نىمىشقا ھەممىمىز بىللە بېرىپ، بىللە ئويناپ كەلمەيمىز؟، ‹ ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ كىرسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز›» دەپتۇ.

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ياشانغان، ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلايدىغان كىشى ئىدى، ئۇ يۈسۈفنىڭ ئۆزىدىن يىراقلاپ كېتىشىنى خالىمايتتى. شۇڭا ئۇ يۈسۈفتىن خاتىرجەم بولالماي، ئوغۇللىرىغا: «سىلەر غەپلەتتە قېلىپ، ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن» دەپتۇ.

- ياق، ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، بىز ئۇنىڭ يېنىدا تۇرساق، يەنە كېلىپ بىز قاۋۇل ۋە كۈچلۈك ياشلار تۇرساق، قاراپ تۇرۇپ ئۇنى بۆرىگە يىدۈرۈپ قويارمىزمۇ؟- دېيىشىپ، ئاخىرى ئاتىسىنى يۈسۈفنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئەۋەتىشكە قايىل قىلىپتۇ.


4- باياۋاندا


يۈسۈفنىڭ ئاكىلىرى ئاتىسىنىڭ يۈسۈفنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئەۋەتكەنلىكىدىن قاتتىق خۇشال بولۇشۇپتۇ.

ئۇلار باياۋانغا كېلىپ، يۈسۈفنى باياۋاندىكى قۇدۇققا تاشلىۋېتىپتۇ. ئۇلار نە كىچىك يۈسۈفكە، نە ياشانغان ئاتىسىغا ئىچ ئاغرىتماپتۇ.

يۈسۈف قۇدۇققا تاشلىنىپتۇ، چوڭقۇر ھەم قاراڭغۇ قۇدۇق يۈسۈفنى ئۆز قوينىغا ئاپتۇ.

ﷲيۈسۈفكە خۇش-خەۋەر بېرىپ، ئۇنىڭغا: «قايغۇرما، قورقما، ﷲھەقىقەتەن سەن بىللە، ئۇزاققا قالماي سېنىڭ ھاياتىڭدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، قېرىنداشلىرىڭ ئالدىڭغا ئۆزى كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارغا ئۆزۈڭ ئېيتىپ بېرىسەن» دەپتۇ.

يۈسۈفنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىپ، ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، بىر يەرگە جەم بولۇپ: «ئەمدى ئاتىمىزنىڭ ئالدىغا نىمە دەپ بارىمىز؟» دەپ مەسلىھەتلىشىپتۇ.

ئارىدىن بىرەيلەن: «ئاتىمىز ‹ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن› دىگەن ئىدى، بىز ئۇنىڭغا ‹ئاتا سەن راست ئىيتىپتىكەنسەن، ئۇنى راستلا بۆرە يەپ كەتتى› دەيلى» دەپتۇ.

ھەممىسى بۇ گەپگە قوشۇلۇپ: «راست، شۇنداق دەيلى» دېيىشىپتۇ. ئارىدىن بىرەيلەن: «بۇنىڭغا نىمىنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىمىز؟» دەپ سوراپتۇ.

ئۇلار بىر قوچقارنى تۇتۇپ، ئۇنى بوغۇزلاپ، يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى قوچقارنىڭ قېنى بىلەن بوياپ: «ھە، مانا ئەمدى ئاتىمىز بىزگە ئىشىنىدىغان بولدى» دېيىشىپ خۇشال بولۇشۇپتۇ.


5- يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا


ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشىپتۇ ۋە: «ئى ئاتىمىز! يۇسۇفنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق، (قايتىپ كەلسەك) ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ» دېيىشىپتۇ.

ئۇلار يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى.

- مانا بۇ يۈسۈفنىڭ قانلىق كۆڭلىكى- دەپتۇ.

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ﷲنىڭ پەيغەمبىرى، ياشانغان پىشقەدەم كىشى ئىدى. ئۇ بالىلىرىغا قارىغاندا ئەقىللىق ۋە تەجرىبىلىك ئىدى. ئۇ قانغا بۇيالغان كۆڭلەكنىڭ ھىچ يېرى يىرتىلمىغان، ساپ-ساق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قاننىڭ يالغانلىقىنى، «بۆرە ھىكايىسى»نىڭ يالغاندىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلىپ، بالىلىرىغا: «بۇ ھىكايىنى سىلەر توقۇپ چىقتىڭلار، ‹مەن چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن›» دەپتۇ.

شۇنداقتىمۇ، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈسۈفكە بولغان قايغۇسى كۈنسىرى ئېشىپ بېرىپتۇ.


6- يۈسۈف قۇدۇقتا


يۈسۈفنىڭ ئاكىلىرى ئۆيىگە قايتىپ، ئىسسىق تاماق يەپ، يۇمشاق كۆرپە ئۈستىدە يېتىپ ئۇخلاپتۇ.

يۈسۈف بولسا نە تاماق، نە كۆرپە يوق قاراڭغۇ قۇدۇقتا يالغۇز تۈنەپ چىقىپتۇ.

يۈسۈفنىڭ ئاكىلىرى يۈسۈفنى ئۇنتۇپ، ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. يۈسۈف بولسا ئاكىلىرىنىڭ قىلىغىنىنى ئويلاپ، كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەپتۇ.

يۈسۈف قۇدۇقتا تۇرۇپ ئاتىسىنى ئويلىسا، ئاتىسى ئۆيدە تۇرۇپ يۈسۈفنى ئەسلەپتۇ.

ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپتۇ، باياۋاننى زۇلمەت بېسىپتۇ، كېچە قاراڭغۇلۇقىدا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھوۋلىغان ئاۋازى ھەممە تەرەپتن ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ.


7- قۇدۇقتىن ئوردىغا


بىر كۈنى بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتۈپتۇ، ئۇلار سۇ ئىزدەپ ھىلىقى قۇدۇقنى كۆرۈپ، بىر ئادەمنى سۇ ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. ئۇ ئادەم سۇ ئېلىش ئۈچۈن سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلاپتۇ. بىراق سوغا ناھايتى ئېغىرلاپ كېتىپتۇ. ئۇنى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقارسا، سوغىدا بىر ئوغۇل بالا تۇرغۇدەك. بۇنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن سۇچى: «خۇش خەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا» دەپ ۋارقىراپتۇ. كارۋاندىكىلەرمۇ بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپتۇ ۋە مەخپى ھالدا «بالا»نى ئېلىپ مېڭىپتۇ.

كارۋان مىسىرغا يېتىپ كېلىپ، بالىنى ساتماقچى بولۇپتۇ ۋە ئۇنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ: «بۇ بالىنى كىم سېتىۋالىدۇ؟» دەپ توۋلاپتۇ.

بالىنى مىسىر پادىشاھى بىر قانچە تەڭگىگە سېتىۋاپتۇ. تىجارەتچىلەر ئۇنىڭ يۈسۈف ئىكەنلىكىنى بىلمەي پۇلغا سېتىۋېتىپتۇ.

پادىشاھ ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېتىپتۇ ۋە ئايالىغا: « ئۇنى ياخشى كۈتكىن، ئۇنىڭ چىرايىدىن ئەقىللىقلىقى چىقىپ تۇرىدۇ» دەپتۇ.


8- ئىشەنچ ۋە ئامانەت


پادىشاھنىڭ ئايالى يۈسۈفنى خىيانەت قىلىشقا ئۈندەپتۇ. بىراق، يۈسۈف ئۇنىڭ تەلىۋىنى كەسكىن رەت قىلىپ: «ياق، مەن خوجايىنىمغا خىيانەت قىلمايمەن، چۈنكى، ئۇ مېنى ھۆرمەتلىدى ۋە ماڭا ياخشىلىق قىلدى، مەن ﷲدىن قورقىمەن» دەپتۇ.

خانىشنىڭ ئاچچىغى كېلىپ، يۈسۈفنى پادىشاھقا چېقىشتۇرۇپتۇ. پادىشاھ ئايالىنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى، يۈسۈفنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئايالىغا: «سەن ھەقىقەتەن خاتالاشتىڭ» دەپتۇ.

يۈسۈف مىسىردا گۈزەللىكى بىلەن ھەممىگە مەشھۇر بولۇپتۇ. ئۇنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم: « بۇ ئادەمزات ئەمەس، بەلكى، بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر» دېيىشىپتۇ.

يۈسۈف خانىشنىڭ پادىشاھقا خىيانەت قىلىش تەلىۋىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، غەزىبىنى باسالمىغان خانىش يۈسۈفكە: «ئۇنداقتا زىندانغا تاشلىنىسەن» دەپتۇ.

- سەن مېنى ئۈندىگەن ئىشتىن كۆرە، زىندان ماڭا سۆيۈملۈكتۇر- دەپتۇ يۈسۈف.

بىر قانچە كۈندىن كېيىن پادىشاھ يۈسۈفنى زىندانغا تاشلاشقا ئەمرى قىلىپتۇ، گەرچە پادىشاھ يۈسۈفنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بىراق، يەنىلا يۈسۈفنى زىندانغا تاشلاپتۇ.


9- زىنداندىكى نەسىھەت


يۈسۈف زىندانغا تاشلىنىپتۇ، زىنداندىكى مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈفنىڭ بىلىملىك، كۆيۈمچان ۋە ئالىيجاناب ياش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ھۆرمەتلەپتۇ. يۈسۈف بىلەن ئوچرىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىدىن خۇشاللىنىپتۇ.

زىندانغا يۈسۈف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ كۆرگەن چۈشىنى يۈسۈفكە سۆزلەپ بېرىپ، مۇنداق دەپتۇ: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۆمنى (ئۈزۈمدىن) ھاراق سىقىۋاتقان كۆرۈپتىمەن». ئىككىنچىسى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۆمنى بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغان، ناننى قۇشلار يەۋاتقان كۆرۈپتىمەن» دەپتۇ ۋە يۈسۈفتىن كۆرگەن چۈشىگە تەبىر بېرىشنى سوراپتۇ.

يۈسۈف ﷲنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى بولغاچقا، ئۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلەتتى. شۇ زاماندىكى ئادەملەر بولسا، ﷲنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلاتتى. ئۇلار كۆپلىگەن ئىلاھلارنى پەيدا قىلغان بولۇپ، «ماۋۇ قۇرۇقلۇق ئىلاھىي، ماۋۇ دېڭىز ئىلاھىي، ماۋۇ رىزىق ئىلاھىي، ماۋۇ يامغۇر ئىلاھىي» دەپ ئاتايتتى.

يۈسۈف كىشىلەرنىڭ ئاشۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىردە ئەپسۇسلىنىپ يىغلىسا، بىردە ئۇلارنىڭ ئەخمىقانىلىقلىرى ئۈچۈن ھەسرەتلىنىپ كۈلەتتى. يۈسۈف ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايتتى، شۇڭا ئۇ كىشىلەرنى ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلىش قارارىغا كېلىپتۇ.

ﷲبۇ ئىشلارنىڭ زىنداندا ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىرادە قىلىپتۇ. ئەجىبا مەھبۇسلار نەسىھەتكە، مىھرى-شەپقەتكە مۇھتاج ئەمەسمۇ؟، مەھبۇسلار ﷲنىڭ بەندىسى، ئادەم ئاتىنىڭ بالىلىرى ئەمەسمۇ؟.

گەرچە يۈسۈفنىڭ جىسمى زىنداندا بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ روھى ئەركىن دۇنيادا پەرۋاز قىلاتتى. يۈسۈف گەرچە ماددى جەھەتتە نامرات بولسىمۇ، بىراق، ئۇ مەنىۋى جەھەتتە ھەقىقەتەن باي ۋە سېخى ئىدى.

پەيغەمبەرلەر ھەر قانداق جايدا ھەقىقەتنى ئاشكارا جاكالايدۇ.

پەيغەمبەرلەر ھەر قانداق زاماندا ياخشىلىقنى كەڭرى تارقىتىدۇ.


10- يۈسۈفنىڭ پاراسىتى


يۈسۈف ئۆز كۆڭلىدە مۇنداق دەپتۇ: «چوقۇم ئىھتىياج ئىككى ئادەمنى مېنىڭ ئالدىمغا سۆرەپ كەلدى، ھاجەتمەننىڭ قۇلىقى يۇمشاق بولىدۇ، ئەگەر مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا«ھەق»نى سۆزلىسەم، ئۇلار مېنىڭ قىلغان سۆزۈمنى ئىتائەتچانلىق بىلەن ئاڭلايدۇ، قىلغان نەسىھىتىمنى ئۇلارمۇ، زىنداندىكى باشقا مەھبۇسلارمۇ ئاڭلايدۇ، بۇ بىر ياخشى پۇرسەت.»

يۈسۈف ئۇلارغا چۈشنىڭ تەبىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە ئالدىرماپتۇ، بەلكى، ئۇلارغا: «ئىككىڭلارغا سىرتتىن تاماق كىرىشتىن بۇرۇنلا، سىلەر كۆرگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى مەن سىلەرگە ئېيتىپ بېرەلەيمەن، بۇنى ماڭا پەرۋەردىگارىم بىلدۈرگەن» دەپتۇ.

ئۇ ئىككىسى بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇپ، خۇشاللىققا چۈمۈپتۇ. يۈسۈپ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، زىنداندىكىلەرگە قىلماقچى بولغان نەسىھىتىنى باشلاپتۇ.


11- تەۋھىدنى چۈشەندۈرۈش


يۈسۈف مۇنداق دەپتۇ:

«بۇنى ماڭا پەرۋەردىگارىم بىلدۈرگەن، ﷲئۆز ئىلمىنى ھەممە ئادەمگە، جۈملىدىن مۇشرىكقا بىلدۈرمەيدۇ. پەرۋەردىگارىمنىڭ بۇنى ماڭا نىمە ئۈچۈن بىلدۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىلەر؟ چۈنكى مەن مۇشرىكلارنىڭ يولىنى تاشلاپ، ئەجدادلىرىم ـ ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى ﷲغا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس.»

يۈسۈف سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: «مانا بۇ تەۋھىد، تەۋھىد يالغۇز بىزگىلا خاس ئەمەس، بەلكى، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مەنسۈپ. ‹بۇ ﷲنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.›»

يۈسۈف بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن مۇنداق دەپ سوراپتۇ: «سىلەر قۇرۇقلۇق ئىلاھى، دېڭىز ئىلاھى، رىزىق ئىلاھى، يامغۇر ئىلاھى دەيسىلەر، بىز پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى يالغۇز بىر ﷲدەيمىز. قېنى ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ‹تارقاق كۆپ مەبۇدلار ياخشىمۇ؟ ياكى قۇدرەتلىك بىر ﷲياخشىمۇ؟›، سىلەر دەۋاتقان قۇرۇقلۇق ئىلاھى، دېڭىز ئىلاھى، رىزىق ئىلاھى، يامغۇر ئىلاھى دىگەنلەر قېنى؟، ‹ئۇلار زېمىننىڭ قايسى قىسمىنى ياراتقانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىڭلار، ياكى ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئۇلارنىڭ ﷲبىلەن ئورتاقلىقى بارمۇ؟›.

سىلەر ئاسمان ۋە زېمىنغا قاراڭلار، ئىنسانغا قاراڭلار، ‹ مانا بۇلار ﷲنىڭ (ياراتقان) مەخلۇقاتلىرىدۇر، ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلاركى، ﷲدىن باشقا مەبۇدلىرىڭلار زادى نېمىلەرنى ياراتتى؟›

سىلەر ئاتىۋالغان قۇرۇقلۇق ئىلاھى، دېڭىز ئىلاھى، رىزىق ئىلاھى، يامغۇر ئىلاھى دىگەنلەر زادى نىمە ئۇ؟، ئەمەلىيەتتە ئۇ ‹پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە غەيرىينىڭ) ناملىرىدىنلا ئىبارەت›، ھۆكۈمرانلىق ﷲئۈچۈن، پادىشاھلىق ﷲئۈچۈن، زېمىن ﷲئۈچۈن، بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى ﷲئۈچۈن. سىلەر پەقەت يالغۇز بىر ﷲغا ئىبادەت قىلىڭلار، مانا بۇ توغرا دىندۇر، بىراق، كىشىلەرنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ.»


12- چۈشنىڭ تەبىرى


يۈسۈف نەسىھىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ، مۇنداق دەپتۇ: «سىلەرنىڭ بېرىڭلار (زىنداندىن چىقىپ) خوجايىنغا ھاراق قۇيۇپ بېرىدۇ (يەنى ساقىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ)، يەنە بېرىڭلار دارغا ئېسىلىدۇ، كاللىسىنى قۇشلار يەيدۇ.»

يۇسۇف ئۇلارنىڭ بىرسىگە (يەنى ساقىيغا): «مېنى خۇجايىنىڭنىڭ ئالدىدا ئەسلەپ قويغىن» دەپتۇ.

دەرۋەقە يۈسۈف ئېيتقاندەك ئۇلار زىنداندىن چىقىپ، بىرسى پادىشاھنىڭ ساقىيسى بولۇپتۇ، يەنە بىرسىنىڭ كاللىسى ئېلىنىپتۇ. ساقىي پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈسۈفنى ئەسلەپ قويۇشنى ئونتۇپ قېلىپ، يۇسۇف زىنداندا يەنە بىر نەچچە يىل يېتىپ قاپتۇ.


13- پادىشاھنىڭ چۈشى


مىسىر پادىشاھى ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ، ئۇ چۈشىدە يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپكەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى كۆرۈپتۇ. ئۇ بۇ ئاجايىپ چۈشتىن ھەيران قىلىپ، ۋەزىر-ۋۇزرالىرىدىن بۇ چۈشكە تەبىر بېرىپ بېقىشنى سوراپتۇ.

- ئۇخلىغان ئادەم چۈشىدە نىمىلەرنى كۆرمەيدۇ، بۇ چۈشنىڭ ھىچقانداق مەنىسى يوق- دېيىشىپتۇ ئۇلار.

- ياق، مېنىڭچە بۇ چۈشنىڭ چوقۇم مەنىسى بار، مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىمەن- دەپتۇ ساقىي ۋە دەرھال زىندانغا بېرىپ، يۈسۈفتىن پادىشاھنىڭ چۈشىنىڭ تەبىرىنى سوراپتۇ.

يۈسۈف ئالىيجاناپ، سېخىي، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بولغاچقا، ئۇ ساقىيغا چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئاندىن ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ مۇنداق دەپتۇ:

«سىلەر يەتتە يىل تىرىقچىلىق قىلىسىلەر، ھەر يىللىق يىغىۋېلىنغان ئاشلىقتىن ئازىراق ئىشلىتىپ، قالغىنىنى باشىقى بىلەن قويۇپ قويىسىلەر. شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك يىللار باشلىنىدۇ، بۇ چاغدا سىلەر ئالدىنقى يىللاردا ساقلاپ قويغان ئاشلىقنى ئاز-ئازدىن ئىشلىتىسىلەر. قەھەتچىلىك يەتتە يىل داۋاملىشىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك ئاخىرلىشىپ، پاراۋانلق باشلىنىدۇ.»

ساقىي ئوردىغا قايتىپ، پادىشاھقا چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپتۇ.


14- پادىشاھ يۈسۈفكە ئەلچى ماڭدۇرىدۇ


پادىشاھ چۈشنىڭ تەبىرىنى ۋە يۈسۈفنىڭ قانداق قىلىش ھەققىدىكى تەدبىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناھايتى خۇشال بولۇپتۇ ھەمدە: «بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بەرگەن كىشى كىم؟، يالغۇز چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى، بىزگە يول كۆرسىتىپ، سەمىمىي نەسىھەت قىلغان كىشى كىم؟» دەپ سوراپتۇ.

- ئۇ يۇسۈف سىدىدق، ئۇ ماڭىمۇ ئالىيلىرىنىڭ ساقىيسى بولىدىغانلىقىمنى ئالدىدىن ئېيتىپ بەرگەن ئىدى- دەپتۇ ساقىي پادىشاھقا.

پادىشاھ يۈسۈف بىلەن ئۇچرىشىشقا ناھايتى ئىنتىزار بولۇپ، يۈسۈفكە ئەلچى ماڭدۇرۇپتۇ ۋە: «يۇسۇفنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دەپتۇ.


15- يۈسۈف تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ


پادىشاھنىڭ ئەلچىسى زىندانغا كېلىپ، يۈسۈفكە پادىشاھنىڭ چاقىرغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بىراق، يۈسۈف زىنداندىن بۇنداقلا چىقىپ كېتىشكە ئۇنىماپتۇ. چۈنكى، كىشىلەر: «يۈسۈف دىگەن بۇ ئادەم پادىشاھقا خىيانەت قىلىپ زىندانغا تاشلانغان گۇناھكار» دېيىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.

يۈسۈف بۇ نۇقتىنى ياخشى چۈشىنەتتى، ئو ئەقىللىق ۋە غورۇرلۇق بولغاچقا، زىنداندىن چىقىپ كېتىشكە ئالدىرماپتۇ. مۇبادا ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا ئادەم بولغان بولسا، پادىشاھنىڭ ئەلچىسى كېلىپ، ئۇنىڭغا: «پادىشاھ سېنى چاقىرىدۇ، ئۇ سېنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ» دىگەن بولسا شۇ ھامان ھىچ نىمىگە قارىماي ئىشىككە ئۆزىنى ئاتقان بولاتتى.

بىراق، يۈسۈف ئۇنداق قىلماپتۇ، بەلكى، پادىشاھنىڭ ئەلچىسىگە: «مەن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىمەن، پادىشاھ مېنىڭ مەسىلەمنى تەكشۈرسۈن» دەپتۇ.

پادىشاھ تەكشۈرگەندىن كېيىن يۈسۈفنىڭ پاكلىقى ئىسپاتلىنىپتۇ. ئۇنىڭ پاك ۋە گۇناھسىزلىقى پادىشاھقا ۋە خەلق-ئالەمگە ئايان بولۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يۈسۈف ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن زىنداندىن چىقىپتۇ.


16- خەزىنە باشقۇرغۇچى


يۈسۈف كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچنىڭ كۈنسىرى ئازىيىپ، خىيانەتنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئادەملەرنىڭ ئوچۇقتىن ئوچۇق ئامانەتكە خىيانەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى.

گەرچە زېمىندا خەزىنىلەر كۆپ بولسىمۇ، بىراق، ئۇ زايا بولۇپ كېتىۋاتاتتى. چۈنكى، خەزىنە باشقۇرغۇچى ئەمەلدارالار ﷲدىن قورقمايتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ ئىتلىرىنىڭ ئالدىدا يىمەكلىك ئېشىپ-تېشىپ تۇرسىمۇ، بىراق، نامراتلار يىگىلى بىر نەرسە تاپالمايتتى. ھوقۇقدارلار تاۋار –دۇردۇنلار بىلەن قاپلىنىپ ياشايتتى، ئەمما، نامراتلار يەنىلا ئاچ-يالىڭاچ ياشاشقا مەجبۇر ئىدى.

دىمەك، زېمىننىڭ خەزىنىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خەزىنە باشقۇرغۇچى چوقۇم ئىشەنچلىك ۋە بىلىملىك ئادەم بولۇشى كىرەك ئىدى.

ئەگەر خەزىنە باشقۇرغۇچىدا بۇ ئىككى سۈپەت تەڭ تېپىلمىسا، خەزىنىلەرنىڭ جايلاشقان ئورنىنى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرىنى بىلمەسلىكى، بىلگەن تەقدىردىمۇ خالىغانچە يەپ-ئېچىپ، ئامانەتكە خىيانەت قىلىپ قويۇشى مومكىن ئىدى.

يۈسۈف ئىشەنچلىك ھەم بىلىملىك بولۇپ، بۇ ئىككى سۈپەت ئۇنىڭدا تەڭ تېپىلاتتى. ئۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئومۇمنىڭ مال-مۈلكىنى خالىغانچە يەۋىلىشىغا يول قويمايتتى. نامراتلارنىڭ ئاچ-يالىڭاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىگە بولسا تېخىمۇ قاراپ تۇرالمايتتى.

يۈسۈف ھەقنى سۆزلەشتىن خىجىل بولمايتتى، شۇڭا ئۇ پادىشاھقا: «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنىڭ باشقۇرۇش يوللىرىنى) بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن» دەپتۇ.

يۈسۈف مىسىرنىڭ خەزىنە باشقۇرغۇچىسى بولۇپتۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئادالەت بىلەن ئىش تۇتقانلىقىدىن خۇشاللىنىپ، ﷲغا ھەمدۇسانا ئېيتىپتۇ.


17- يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى كەلدى


يۈسۈف ئالدىدىن خەۋەر قىلغاندەك مىسىر ۋە شام قاتارلىق جايلاردا قەھەتچىلىك يۈز بېرىپتۇ. شاملىقلار جۈملىدىن يەئقۇب ئەلەيھىسسالام مىسىردا كۆيۈمچان، سېخىي ۋە ئالىيجاناب بىر كىشىنىڭ خەزىنە باشقۇرغۇچى بولغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئاشلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇغۇللىرىنى مىسىرغا بېرىپ ئاشلىق ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.

بۇنيامىن ئاتىسىنىڭ يېنىدا قاپتۇ. چۈنكى، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۆزىدىن يىراقلاپ كېتىشىنى خالىمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈف پاجىئەسىنىڭ قايتا تەكرارلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.

يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرى مىسىرغا كېلىپ، يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. بىراق، ئۇلار ئالدىدا تۇرغان كىشىنىڭ ئۆزلىرى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن يۈسۈف ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەپتۇ. چۈنكى، ئۇلار يۈسۈفنى ئاللىقاچان قۇدۇقتا ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلايتتى. دېمىسىمۇ ياۋايى ھايۋانلار ھوۋلاپ تۇرغان باياۋاندىكى قاراڭغۇ ھەم چوڭقۇر قۇدۇققا تاشلانغان ئادەم ئۆلمەي قالاتتىمۇ؟.

يۈسۈف ئۇلارنى تونۇپتۇ، ئەمما ئۇلار يۈسۈفنى زادىلا تونۇماپتۇ. ئۇلار ئەينى ۋاقتتا يۈسۈفنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئىدى، ئەمما ﷲئۇنى قوغداپ قالدى. گەرچە يۈسۈف بۇلارنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، بىراق، ئۇلارغا ھىچ نەرسە دېمەپتۇ ۋە ئۇلارنى خىجالەتتە قالدۇرماپتۇ.


18- يۈسۈف بىلەن قېرىنداشلىرى ئوتتۇرىسىدا


- سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار- دەپ سوراپتۇ يۈسۈف ئۇلاردىن.

- كەنئاندىن كەلدۇق- دەپتۇ ئۇلار.

- ئاتاڭلار كىم؟.

- ئاتىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى، ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام.

- سىلەرنىڭ باشقا قېرىندىشىڭلارمۇ بارمۇ؟

- شۇنداق، بىزنىڭ بۇنيامىن ئىسىملىك يەنە بىر قېرىندىشىمىز بار.

- نىمىشقا ئۇ سىلەر بىلەن كەلمىدى؟

- ئاتىمىز ئۇنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىدىن يىراقلاپ كېتىشىنى خالىمايدۇ.

- نىمىشقا؟، ئۇ ئاتاڭلار سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمىگۈدەك بەك كىچىكمۇ؟

- ياق، ئانچە كىچىك ئەمەس، راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ يۈسۈف ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار ئىدى، بىر قىتىم بىز ئۇنى ئويناتقىلى ئېلىپ بارغان ئىدۇق، ئۇنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق، (قايتىپ كەلسەك) ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، شۇڭلاشقا ئۇنى ئاتىمىز بىز بىلەن بىللە ئەۋەتمەيدۇ.

يۈسۈف بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىچىدە كۈلۈپتۇ. گەرچە ئۇلارغا بىر نەرسە دېمىگەن بولسىمۇ، بىراق، قېرىندىشى بۇنيامىننى قاتتىق سېغىنغانلىقىنى ھىس قىلىپتۇ.

يۈسۈف قېرىنداشلىرىغا ئاشلىق بۇيرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلارغا: «ئىككىنچى قىتىم كەلگەن چىغىڭلاردا ئاتا بىر قېرىندىشىڭلار بۇنيامىننى ئېلىپ كېلىڭلار، بولمىسا سىلەرگە ئاشلىق بېرىلمەيدۇ» دەپتۇ ھەمدە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ماللارنى ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇشقا بۇيرۇپتۇ.


19- يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغۇللىرى ئوتتۇرىسىدا


ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ، ئۇنى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «بۇ قىتىم قېرىندىشىمىز بۇنيامىننى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، بولمىسا پادىشاھنىڭ ئالدىدا بىزگە ياخشىلىق يوق» دەپتۇ ۋە ئاتىسىدىن بۇنيامىننى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ: «بۇ قىتىم بىزگە ئىشەنگىن، ‹بىز ئۇنى چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز›» دەپتۇ.

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئىلگىرى مەن سىلەرگە يۈسۈفنى تاپشۇرغاندا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ (مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئۇنى ساقلىشىڭلارغلا ئىشەنمەيمەن)، سىلەر يۈسۈف ھىكايسىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ سىلەر بۇنيامىننىمۇ يۈسۈفنى «مۇھاپىزەت» قىلغاندەك «مۇھاپىزەت» قىلماقچىمۇ؟ ﷲياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر.»

ئۇلار ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان ماللارنى يۈك-تاقلىرىنىڭ ئارسىدا كۆرۈپ، ئاتىسىغا: «پادىشاھ ئېسىل ئادەمكەن، ئۇ بىزگە ماللىرىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ، ئۇ بىزدىن ئاشلىقنىڭ پۇلىنى ئالماپتۇ، سەن بۇنيامىننى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، ئۇنىڭغا تېگىشلىك ئاشلىقنى قوشۇپ ئالايلى» دەپتۇ.

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «سىلەر قېرىندىشىڭلارنى قوغداش يولىدا ھالاڭ بولمىساڭلارلا، ئۇنى ساق-سالامەت قايتۇرۇپ كېلىشكە ﷲنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىپ، ۋەدە بەرمىگۈچە ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن» دەپتۇ.

ئۇلار ﷲنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىپ، ۋەدە قىلىپتۇ. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ﷲگۇۋاھتۇر» دەپتۇ. ئاندىن: «ئى ئوغۇللىرىم! (مىسىرغا) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار» دەپ تاپىلاپتۇ.


20- بۇنيامىن يۈسۈفنىڭ قېشىدا


يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە ئايرىم-ئايرىم دەرۋازىلاردىن كىرىپ، يۈسۈف بىلەن ئوچرىشىپتۇ. يۈسۈف قېرىندىشى بۇنيامىننى كۆرۈپ ناھايتى خۇشال بولۇپتۇ ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈرۈپتۇ.

يۈسۈف بۇنيامىنغا: «مەن سېنىڭ ئاكاڭ يۈسۈف بولىمەن» دەپ بۇنيامىننى خاتىرجەم قىلىپتۇ. كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق يىللار بولغان ئىككى ئاكا-ئۇكا ئاتا-ئانىسىنى، ئائىلىسىنى، بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ قىزغىن پاراڭلىشىپتۇ.

يۈسۈف بۇنيامىننى ئۆزىنىڭ يېنىدا ئېلىپ قېلىپ، ھىجرانلىق يىللارنىڭ داغلىرىنى ۋىسال سۇلىرى بىلەن يۇيۇشنى ئىرادە قىلىپتۇ. بىراق، ئاكىلىرى ئاتىسىغا بۇنيامىننى چوقۇم ساق-سالامەت قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ﷲنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان تۇرسا، ئۇنى كەنئانغا قايتۇرماي قانداقمۇ ئۆز يېنىدا ئېلىپ قالغىلى بولسۇن؟!

ئەگەر يۈسۈف بۇنيامىننى سەۋەپسىزلا تۇتۇپ قالسا، كىشىلەر: «پادىشاھ كەنئانلىقنى سەۋەپسىزلا تۇتۇپ قالدى، بۇ بىر ناھەقچىلىق» دېيىشمەمدۇ؟

يۈسۈف بۇ جەھەتتە ئاقىلانىلىك بىلەن ئىش كۆرۈپتۇ. ئۇ بىر دانە قىممەت باھالىق قەدەھنى بۇنيامننىڭ يۈكى ئىچىگە سېلىپ قويۇشقا ئەمرى قىلىپتۇ. ئۇلار قايتىشقا تەمشىلىۋاتقاندا، جاكارچى: «سىلەر ئوغرى ئىكەنسىلەر» دەپ ۋارقىراپتۇ.

ئاكىلىرى ئۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار» دەپ سوراپتۇ.

- «پادىشاھنىڭ (تامغىسى بېسىلغان) قەدەھنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى تېپىپ كەلگەن كىشىگە (مۇكاپات ئۈچۈن) بىر تۆگە ئاشلىق بېرىلىدۇ»- دەپتۇ جاكارچى.

- «ﷲنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز»- دەپتۇ ئۇلار.

- «سىلەرنىڭ شەرىئىتىڭلاردا ئوغرىنىڭ جازاسى نېمە؟ (ئەگەر قەدەھ يۈكۈڭلاردىن چىقىپ قېلىپ) يالغانچى بولۇپ قالساڭلارچۇ؟»- دەپتۇ يۈسۈفنىڭ خىزمەتچىلىرى.

- «ئۇنىڭ جازاسى قەدەھ بىلەن تېپىلغان ئادەمنى قۇل قىلىش، زالىملارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز»- دەپتۇ ئۇلار.

يۈسۈفنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى ئاختۇرۇپ، قەدەھنى بۇنيامىننىڭ يۈكى ئىچىدىن تېپىپتۇ. ئاكىلىرى بۇنىڭدىن خىجىل بولۇپتۇيۇ، بىراق، كاززاپلىق بىلەن: «ئەگەر ئۇ (بۈگۈن) ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇسۇفمۇ ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلغان» دەپتۇ.

يۈسۈف بۇ بوھتاننى ئاڭلاپمۇ ئاچچىقلانماي سۈكۈت قىلىپتۇ.

- «ئى ئالىيجاناب زات! ئۇكىمىزنىڭ (ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان) بىر قېرى ئاتىسى بار، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن ھېسابلايمىز»- دەپتۇ ئۇلار.

- «خۇدا ساقلىسۇن، نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، شۇنى ئېلىپ قالىمىز، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز»- دەپتۇ يۈسۈف.

شۇنداق قىلىپ يۈسۈف بۇنيامىننى قېشىدا ئېلىپ قاپتۇ، ئىككى قېرىنداش قايتىدىن جەم بولغانلىقىدىن خۇشاللىنىپتۇ. ﷲبۇنيامىننى يۈسۈفكە ئۆزى ئەكېلىپ بەرگەن تۇرسا، ئۇنى يېنىدا ئېلىپ قالمىسا بولامدۇ؟!


21- يەئقۇب ئەلەيھىسسالامغا


يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قانداق بېرىشنى بىلەلمەي، ئويغا پېتىپتۇ. ئۇلار تۈنۈگۈنلا يۈسۈفنى يوقاتقان ئىدى، مانا بۈگۈن بۇنيامىننى يوقاتتى، ئاتىسىغا بۇلارنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟

ئوغۇللارنىڭ چوڭى ئاتىسىنىڭ ئالدىغا بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇكىلىرىغا: « سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئاندىن ئېيتىڭلاركى، ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيبنى بىلمەيمىز (يەنى ساڭا ۋەدە بەرگەن چېغىمىزدا ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق) دەڭلار» دەپ تاپىلاپتۇ.

ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، بولغان ئەھۋاللارنى بايان قىلىپتۇ. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشتا ﷲنىڭ قولى بارلىقىنى، ﷲنىڭ ئۆزىنى ئىمتىھان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇ تۈنۈگۈن يۈسۈفنى يوقاتقان ئىدى، مانا بۈگۈن بۇنيامىندىن ئايرىلدى. ﷲھەرگىزمۇ ئۇنى ئىككى ئوغۇلنىڭ پىراقىغا قويمايدۇ، بۇنىڭدا چوقۇم ﷲنىڭ يۈشۇرۇن قولى بار، بۇنىڭدا چوقۇم ﷲنىڭ يۇشۇرۇن ھېكمىتى بار، ﷲبەندىلىرىنى ئىمتىھان قىلىدۇ ئاندىن ئۇلارغا ئىنئام قىلىپ، ئۇلارنى خۇشاللاندۇرىدۇ، بۇ ﷲنىڭ قانۇنىيتى.

چوڭ ئوغۇل كەنئانغا قايتماي، مىسىردا قىلىپ قالغان ئىدى، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئويلاپ، ﷲدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ، مۇنداق دەپتۇ: «ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا دەرقەمتە قىلىپ بېرىشنى ﷲدىن تىلەيمەن. ﷲھەقىقەتەن (مېنىڭ ھالىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»


22- سىر ئېچىلدى


يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈرىكىمۇ بىر پارچە تاش ئەمەس، بەلكى، ئىنساننىڭ يۈرىكى ئىدى. ئۇ ھەمىشە يۈسۈفنى ئەسلەيتتى، «ئاھ يۈسۈف» دەپ ھەسرەت چېكەتتى.

بالىلىرى ئۇنىڭغا مالامەت قىلىپ: «سەن يۈسۈفنى ئويلاۋېرىپ ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرۈۋالىدىغان بولدۇڭ» دەپ تاپا-تەنە قىلاتتى.

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام: «مەن قايغۇ ـ ھەسرىتىمنى پەقەت ﷲغىلا ئېيتىمەن، ﷲنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى بىلىمەن» دەيتتى.

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئىنساننى كۇپرىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ﷲدىن زور ئۈمىد كۈتەتتى. شۇڭا ئۇنى بالىلىرىنى مىسىرغا بېرىپ، يۈسۈف بىلەن بۇنيامىننى ئىزدەشكە، ﷲنىڭ رەھمىتىدىن نائۇمىد بولماسلىققا بۇيرۇپتۇ.

ئوغۇللار ئۈچىنچى قىتىم مىسىرغا كېلىپتۇ. ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇھتاجلىق ۋە قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى ئېيتىپ، پادىشاھنىڭ مەرھەمەت قىلىشىنى سوراپتۇ.

يۈسۈف قېرىنداشلىرىنىڭ «پادىشاھ»غا (يەنى پادىشاھ سالاھىيىتىدىكى يۈسۈفكە) يالۋۇرۇۋاتقانلىقنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماپتۇ. مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇھتاجلىق ۋە قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى ئېيتىپ، دۇنيانىڭ پادىشاھلىرىغا يالۋۇرسا بولامدۇ؟، مەن قاچانغىچە ئەمەلىي ئەھۋالنى ئۇلاردىن يۇشۇرىمەن؟، مەن قاچانغىچە ئاتام بىلەن كۆرۈشمەي يۈرىۋېرىمەن؟.

ئاخىرى يۈسۈف ئۆزىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارغا: «سىلەر نادان ۋاقتىڭلاردا يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دەپتۇ.

يۈسۈف بىلەن ئۆزلىرىدىن باشقا ھېچكىم ئۇقمايدىغان بۇ سىرنى ئۇنىڭ ئاغىزىدىن ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يۈسۈف ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ-دە، ھەيرانلىقتىن: «سۇبھانەللاھ!، يۈسۈف تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ قۇدۇقتا ئۆلۈپ كەتمىگەنمۇ؟، يۈسۈف مىسىر پادىشاھىمۇ؟، يۈسۈف خەزىنە باشقۇرغۇچىمۇ؟، بىزگە ئاشلىق بۇيرۇپ بەرگەن كىشى يۈسۈفمۇ؟» دېيىشىپ، ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قاپتۇ.

ئۇلار ئۆزلىرىگە سۆزلەۋاتقان كىشىنىڭ راستلا يۈسۈف ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ: «سەن راستلا يۇسۇفمۇ؟» دەپ سوراپتۇ.

- «شۇنداق، مەن يۇسۇف بۇ مېنىڭ ئىنىم. ﷲبىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋرى قىلىدىكەن (ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى ﷲياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دەپتۇ.

- «ﷲنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ﷲسېنى ھەقىقەتەن بىزدىن ئارتۇق قىلىپتۇ، بىز جەزمەن خاتا قىلىپتۇق» دېيىشىپتۇ ئۇلار.

يۇسۇف ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەيىبلىمەپتۇ، بەلكى، ئۇلارغا: «ﷲسىلەرنى كەچۈرسۇن، ﷲئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر» دەپتۇ.


23- يۈسۈف يەئقۇب ئەلەيھىسسالامغا ئەلچى ئەۋەتىدۇ


يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئاتىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بىلەن تىزراق ئوچرىشىشقا ئىنتىزار بولۇپتۇ. ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتكەن تۇرسا، قانداقمۇ ئىنتىزار بولمىسۇن؟، سىر ئېچىلغان تۇرسا ئەمدى قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن؟، ئاتىسىنىڭ يىگىنى يىگەن، ئىچكىنى ئىچكەن بولمايۋاتسا، ئوغلى قانداقمۇ خاتىرجەم ھالدا يەپ-ئىچىپ، ئۇخلاپ كۈنلىرىنى ئۆتكۈزەلىسۇن؟

سىر ئېچىلدى، سىر ئاشكارا بولدى، ئەمدى دىدارلاشماي قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن؟

يەئقۇپ ئەلەيھىسسالام تولا يىغلاپ، تولا قايغۇرۇپ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە تاشلاڭلار، كۆزى ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئائىلەڭلاردىكىنى ئېلىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار» دەپتۇ.


24- يەئقۇب ئەلەيھىسسالام يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىدا


ئوغۇللار يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىكىنى ئېلىپ، كەنئانغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھىدىنى پۇراپ: «مەن چوقۇم يۇسۇفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن» دەپتۇ.

«ئۇلار (يەنى يەئقۇبنىڭ نەۋرىلىرى ۋە يېنىدىكى كىشىلەر): «ﷲنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن سەن تېخى يەنىلا بۇرۇنقى قايمۇقۇشۇڭدا ئىكەنسەن» دەپتۇ.

خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزىگە تاشلىغان ھامان ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپتۇ، ئۇ: «مەن سىلەرگە، ﷲنىڭ بىلدۈرىشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن ئىشلارنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم» دەپتۇ.

ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق» دېيىشىپتۇ.

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام: «پەرۋەردىگارىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. ﷲگۇناھلارنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر» دەپتۇ.

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام مىسىرغا يېتىپ كېلىپتۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇنى قىزغىن قارشى ئېلىپتۇ. سىز ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ھەققىدە سورىمايلا قويۇڭ.

ئۇ كۈنى مىسىرلىقلار ئۈچۈن بايرام كۈنى بولۇپتۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئاتا-ئانىسىنى تەختكە ئۇلتۇرغۇزۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى (شاھلارغا تەزىم قىلىش ئادىتى بويىچە) يۈسۈفكە سەجدە قىلىشىپتۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن (كىچىك ۋاقتىمدا) كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى؛ مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم» دەپتۇ ۋە ﷲغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىپتۇ.

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئايالى بىر مەزگىل مىسىردا تۇرۇپ، شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.


25- ياخشى ئاقىۋەت


پادىشاھلىق يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا ﷲنى ئۇنتۇلدۇرالماپتۇ ۋە ئۇنى ئۆزگەرتەلمەپتۇ. چۈنكى، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ھەردائىم ﷲنى ئەسلەيتتى، ﷲغا ئىبادەت قىلاتتى ۋە ﷲدىن قورقاتتى.

ئۇ ﷲنىڭ ھۆكمى بىلەن ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، ﷲنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلاتتى، پادىشاھلىقنى ئالاھىدە بىر ئىش دەپ قارىمايتتى، ئۇ پادىشاھلارنىڭ ئۆلۈمىدە ئۆلۈپ، ئۇلار بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈلۈشنى ئەمەس، بەلكى، ئادەتتىكى بەندىنىڭ ئۆلۈمىدە ئۆلۈپ، سالىھلار بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈلۈشنى خالايتتى. شۇڭا ئۇ ﷲغا دۇئا قىلىپ، مۇنداق دەيتتى:

« پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن».

ﷲيۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى مۇسۇلمان پېتىچە قەبزى روھ قىلغاي!، ئۇنى ئەجدادلىرى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسالامغا قوشقاي!، ئۇلارغا ۋە بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ﷲنىڭ رەھمەت ۋە سالامى بولغاي!