ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى ناملىق كارتون فىلىم تارقىتىلدى!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم!

ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى

ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى ھازىرلاش گۇرۇپپىسى  بۇ قېتىم ھۇزۇرۇڭلارغا جەمئىي 4 سىن ھۆججىتىدىن تەركىب تاپقان

«ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى» ناملىق كارتون فىلىم بىلەن چىقتى.

http://www.ewlat.net/mtv_show.php?hid=123

بۇ كارتون ئارقىلىق ئەۋلادلىرىمىزنىڭ، شۇنداقلا بىلمەيدىغان چوڭلىرىمىزنىڭ ئىسلامنىڭ 5 تۈۋرۈكىدىن بىرى بولغان ناماز ئىبادىتىنى توغرا ئۆگىنىۋېلىشىغا ياردەمچى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، بىر گرۇپ قېرىندىشىڭلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە روياپقا چىقىرىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خىزمەتنىڭ روياپقا چىقىشىغا تۆھپە قوشقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن.

ناماز ئىنساننىڭ ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ھېسسىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ مۇكەممەل يولىدۇر.  شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك ۋە جانلىق تۇتىدىغان بىر ئىبادەت بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ بەش ئاساسىدىن بىرىدۇر .

»ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل دىن پەقەت ئىسلام دۇر«. ئىبادەت ئەنە شۇ ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى. ناماز بولسا، بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ نېگىزىدۇر. بۇ ئىبادەت ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تۇنجى پەيغەمبەر ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە پەرز قىلىنغان.

كامىل ئادا قىلىنغان ناماز ھەر تۈرلۈك يامانلىقتىن توسىدۇ. ئاللاھدىن ياردەم تىلەشنىڭ ئىككى شەرتىدىن بىرىمۇ يەنىلا نامازدۇر. ناماز ئۆتەش، پەقەت ئاللاھقا چىن قەلبىدىن ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلارغىلا ئېغىر كەلمەيدۇ. كۆڭلى دۇرۇس ۋە ئاللاھقا بولغان ئىمانىدا سەمىمىي بولمىغانلارغا بولسا، ئۇنى ئادا قىلىش ئېغىر كېلىدۇ.

ئاللاھ تائالا نامازغا شۇنچىۋالا ئەھمىيەت بەرگەنكى، ھېچقانداق شەرت-شارائىت ئاستىدا ۋە ھېچبىر سەۋەب بىلەن ئۇنى تەرك قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغان. مۇھىملىقى تۈپەيلىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ناماز ھەققىدىكى بۇيرۇقلىرىنى  ئىنسانلارغا ئەينەن يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە،

ئۆزى باشلامچى بولۇپ نامازنىڭ ئادا قىلىنىش شەكىللىرىنى تەپسىلىي ھالدا كۆرسىتىپ بەرگەن.  ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر بىرى ئىسلامنىڭ بىر ئەزاسى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى نامازسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

ئەنە شۇنداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىدىن بىرى بولغان نامازنىڭ شەرتلىرىنى، شەكىللىرىنى ۋە ئەركانلىرىنى بىلىش ۋە ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ھەر مۇسۇلماننىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس بىر ۋەزىپىدۇر.

تارىختىن بويان مۇسۇلمانلار بۇ ۋەزىپىنى يېزىش ۋە ئاغزاكى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئورۇنداپ كەلگەن. زامانىمىزدا بولسا، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشنىڭ باشقا يېڭىچە يوللىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. قولىڭىزدىكى بۇ كارتون فىلىم بولسا، ئەنە شۇنداق ئىمكانىيەتلەر ئاستىدا سىزگە ناماز ئىبادىتىنىڭ شەكىللىرىنى زامانىۋى ئۇسۇللار بويىچە ئۆگىتىپ چىقىدۇ.

ئەزىز قېرىندىشىم! پەرز بولسۇن، نەپلە بولسۇن پۈتۈن نامازلارنىڭ شەرتلىرى، شەكىللىرى، ۋە ئىچىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە زىكىر-تەسبىھلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى رەكەت نامازنى ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغان كىشى دىنىمىز ئەمىر قىلغان ۋە تەشۋىق قىلغان بارلىق نامازلارنى توغرا رەۋىشتە ئوقۇيالايدۇ. چۈنكى بىر ناماز بىلەن يەنە بىر نامازنىڭ پەرقى پەقەت نىيەتتىلا كۆرۈلىدۇ. پىلاستىنكىنى كۆرگەنسېرى بۇنىمۇ چۈشىنىۋالىسىز.

ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمىزكى، بۇ پىلاستىنكىدا يىلدا ئىككى قېتىم ئوقۇلىدىغان روزا ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرى، مۇسۇلمانلاردىن بىرى قازا قىلغاندا ئوقۇلىدىغان جىنازا نامىزى، كۈن ئۆرلىگەندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان چاشكا نامىزى، تەسبىھ نامىزى، تەراۋىھ نامىزى...قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىيلى مەلۇمات بېرىلمىدى. بۇ نامازلارنى مۇناسىۋەتلىك كىتاب -ماتېرىياللاردىن ئوقۇپ ئۆگىنىۋالغايسىز.

رەببىمىزدىن تىلىكىمىز بۇ قوللانمىنى ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا قىلىنغان مەقبۇل بىر ئەمەل قاتارىدا قوبۇل قىلىشى ۋە بەندىلىرىنى بۇ خىزمەتتىن پايدىلاندۇرۇشىدۇر.

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.