كىتاب ھەققىدە ئېيتىلغان ھېكمەتلىك بىر قىسىم سۆزلەر


ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ كىتاب ھەققىدە ئېيتقانلىرى

-كىتاب - خۇددى قولۋاققا ئوخشاش بىزنى تار دائىردىن، بىپايان تۇرمۇش دېڭىزىغا باشلايدۇ.

-كىتاب - بىزگە بىلىم ۋە كۈچ - قۇدرەت ئاتا قىلىدىغان دوستىمىز.

-كىتاب - بارلىق قۇلۇپلارنىڭ ئاچقۇچى، ئەقىلنىڭ نۇرلۇق چىرىغى.

-كىتاب - ئۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت، ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ. كىتابنى پەقەت بىلىمگە ئىنتىلىدىغان كىشىلەرلا قەدىرلەيدۇ.

-كىتاب - ھەر بىر شەخسنىڭ مەنىۋى فوندى ۋە ئۇنىڭ كامالەت گۇۋاھنامىسى.

-كىتاب - ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان ھەقىقىي ۋە بىردىنبىر ئەلئېھرام.

-كىتاب - ئۆز - ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ، ئىلھام بېرىدۇ، يېتەكلەيدۇ. ئۇ، كىشىلىك تۇرمۇش سەپىرىنىڭ ئېسىل ھەمراھى.

-كىتاب - ئەڭ ياخشى ئارزۇ - تىلەكلەرنى ئويغىتىدۇ.

-كىتاب - ئەقىلنى ئۆتكۈر قىلىدۇ ۋە يۈرەكنى يۇمشىتىدۇ.

-كىتابنى پەقەت بىلىملىك كىشىلەرلا قەدىرلەيدۇ.

-كىتاب - ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستى.

-كىتاب - ئانا دىيارنىڭ سەلتەنەتلىك خاتىرىسى.

-كىتاب - ئەڭ ياخشى ئۇستاز، ئۇ ساڭا شەخسىيەتسىزلىك بىلەن بىلىم بىرىدۇ.

-كىتاب - ئەڭ سادىق ھەمراھ، ئۇ ھاياتلىق سەپىرىڭىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ.

-كىتاب - ئىنسانلار ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى پەلەمپەي، ئىنسانلارمۇ مۇشۇ پەلەمپەي بىلەن پارلاق قەدەم قويىدۇ ۋە يۇقىرى ئۆرلەيدۇ.

-كىتاب - ئىرادىنى چىڭىتىدىغان قورال، كىتاب - لوقمان ھېكىم، كىتاب - رۇستەم پالۋان.

-كىتاب - يېشىلمىگەن سىرلارنى يەشكۈچى ئالىم.


كىتاب ھەققىدە ئېيتىلغان ھېكمەتلىك سۆزلەر:

-كۆچەت تىكسەڭ پۇتاپ تۇر تۈز لىم ئالىسەن، بىكار بولساڭ كىتاب كۆر، ئالىم بولىسەن.

-كىتاب - يۈكسەك ئۇچۇر ۋە مۇقەددەس تامغىدىن ئىبارەت

- كىتاب ئوقۇش- باشقىلارنىڭ ئەقلىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە جاپاسىز بىر ساياھەتتۇر. (سەلمان ئەۋدە)

-«كىتاب-بەخت ۋە قۇدرەتلىك ئىستىقبال يولىدا ئادىمىزات ياراتقان كەڭ، مۇرەككەپ مۆجىزىلەر ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك مۆجىزىدۇر» (ماكسىم گوركىي)

-كىتاب-ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تارىخنىڭ ئەڭ ئىخچام ئامبىرى. شۇنداقلا ئۇ بىر ناھايىتى ئەرزان، شۇنداقلا قولاي، كىچىك بىر مەكتەپ.


-بىر دانا توختىماي قىلاتتى خىتاب،

بىلىمسىز كىشىلەر ئەما ھەم بىتاب.

سورىدىم ئەملەشنىڭ دورىسى نېمە؟

ئۇ دېدى: كىتابتۇر، كىتابتۇر كىتاب.  (مامۇت زايىت)

-كىتاب ئىنسانلارنىڭ ئىلگىرلىشىدىكى شوتا، مەن شوتىنىڭ ھەر بىر ۋاخنىسىغا چىققاندا ياۋايىلىقتىن ئادىمىيلىككە قاراپ ئۆرلىيەلەيمەن، گۈزەل تۇرمۇشقا يېقىنلىشىمەن، شۇنىڭ بىلەن كىتابنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشكە، قەدىرلەشكە باشلايمەن. (ماكسىم گوركى)

-كىتابلار قەلىبنى يورۇتىدۇ. ئىنساننى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ ۋە كۈچكە كۈچ قوشىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئارزۇ-تىلەكلەرنى ئويغىتىدۇ، ئەقىلنى ئۆتكۈر قىلىدۇ ۋە يۈرەكنى يۇمشىتىدۇ. (ئۇ .تېككېربي)

-كۆچەت تىكسەڭ پۇتاپ تۇر تۈز لىم ئالىسەن، بىكار بولساڭ كىتاب كۆر، ئالىم بولىسەن.

-كىتاب دوستتۇر، ئۇ گەرچە قىزغىن دوست بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ناھايىتى سادىق ھەمراھ. (ھيۇگۇ)

-كىتاب — ئىرادىنى چىڭىتىدىغان قورال، كىتاب — لوقمان ھېكىم، كىتاب — رۇستەم پالۋان.

-كىتاب دۇنيانىڭ ئوزۇقلۇقى. تۇرمۇشتا كىتاب بولمىسا قۇياش نۇرى بولمىغانغا ئوخشايدۇ. ئەقىل–پاراسەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كىتاب بولمىسا، قانىتى يوق قۇشقا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. (شېكىسپىر)

-كىتاب دەۋر دولقۇنىدا ئىلگىرىلەۋاتقان ئىدىيە كېمىسى، ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن قىممەتلىك مالنى ئەۋلادمۇ–ئەۋلاد يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. (باكون)

كىتاب-ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تارىخنىڭ ئەڭ ئىخچام ئامبىرى. شۇنداقلا ئۇ بىر ناھايىتى ئەرزان، شۇنداقلا قولاي، كىچىك بىر مەكتەپ.