ئىنجىل مېنى قانداق مۇسۇلمان قىلدى؟

سابىق ياش پوپ جوشا ئېۋانسنىڭ ھېكايىسى


ئىنجىل مېنى ئىسلامغا قانداق ئېلىپ كىردى؟


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە سالاملار بولسۇن. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ بىردۇر، شېرىكى يوقتۇر.يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئۇنىڭ ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن ئەلچىسى ۋە بەندىسىدۇر. ياخشى ئاقىۋەت شۈبھىسىز تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر.

سىلەرگە بىر چاغلاردا  خرىستىئان پوپ ئىدىم، ئەمدى قانداق بولۇپ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن.

خىلى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى پوپ ئىدىڭ، ئەمدى مۇسۇلماندەك كۆرۈنۈۋاتىسەن دېيىشىڭىز مۇمكىن،ئەمما ئۇزۇن بىر ھېكايەم بار. ھىكايەمدىن دەرس ئېلىشىڭلارنى ۋە نەتىجىدە مېنىڭ نېمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنى چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. چۈنكى مېنىڭ مەقسىتىم ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا سىلەرگە بىر ئۇچۇرنى، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئەگەر پەقەتلا ھېكايەمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن دۇنيانى ۋە ئامېرىكىنى ئايلانغان بولسام ۋاقتىم ئىسراپ بولغان بولىدۇ،چۈنكى بۇ ھېكايە دۇنيادىكى ھەر قانداق كىشى كۆرەلەيدىغان يۇتۇيب تورىدىمۇ بار.

ئاللاھ خالىسا ھېكايەمنىڭ ئەڭ بېشىدىن باشلايلى.

كارولىنا شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى گرىنۋىل ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆستۈم. مېنى مومام ۋە بوۋام بېقىپ چوڭ قىلدى. چۈنكى كىچىك ۋاقتىمدا ئانام مېنى تاشلىۋىتىپتىكەن. دادام بولسا ئىككى يەردە خىزمەت قىلاتتى. بوۋام-موماملار ئەنئەنىدە چىڭ تۇرىدىغان تىپىك جەنۇپلۇق خرىستىئانلار ئىدى. ئوي-پىكىرلىرىدە بەكلا مۇتەئەسسىپ ئىدى. مۇئەييەن قائىدىلەر رامكىسىدىن ھەرگىزمۇ چىقىپ كەتمەيتتى. بىز بەكلا دىندار ئىدۇق، ھەر يەكشەنبە كۈنى ۋە كەچ تەرەپتە چېركاۋغا باراتتۇق ۋە چارشەنبە كۈنىمۇ چېركاۋغا باراتتۇق، خرىستىئانلاردا بۇ ئىنتايىن تەقۋادار دىندار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. ھەر يەكشەنبە كۈنى چېركاۋغا بېرىشىمىز ۋە مومامنىڭ مېنى ئۇ يەرگە ئاپىرىشى قىيىن ئەمەستى، مەن كىچىك بولغاچ مېنى ئاپىرىشقا مەجبۇر ئىدى. چۈنكى چېركاۋ ئۆيىمىزگە بەكمۇ يىقىن بولۇپ، پەقەت ئىككى ئۆي نېرىسىدا ئىدى. مۇشۇ سەۋەپتىن ھەر يەكشەنبە كۈنى مېنى ئۇ يەرگە ئىلىپ بېرىشى ئاسان ئىدى. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى چېركاۋنى يامان كۆرەتتىم. بىر پروتەستان (خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپىنىڭ) پوپى كېلەتتى. ۋە بىلەمسىلەركىن بىلمىدىم، پىروتەستان پوپ تولىمۇ سۈرلۈك بولۇپ چېركاۋدا خالىغانچە ئۈنلۈك گەپ قىلالمايتتۇق. پوپنىڭ ۋەزلىرىنى ئاڭلايسىز، ئاندىن ئورۇندىن تۇرۇپ ناخشا ئوقۇيسىز يەنە ئولتۇرۇپ پوپنىڭ ۋەزلىرىنى ئاڭلايسىز، ئاندىن ئورۇندىن تۇرۇپ ناخشا ئوقۇيسىز، ئاندىن كىيىن ئولتۇرىسىز. قىلىدىغان بىردىنبىر ئىشىڭىز مۇشۇ.

ۋە قاتتىق ياغاچ ئورۇندۇقلار بولۇپ، ئۇ يەردە ئولتۇرىۋىرىشتىن چارچاپ قالاتتىڭىز.

مومام ماڭا بەرگەن ۋە چېركاۋغا ئىئانە قىلماقچى بولغان پۇللارنى ئوينايتتىم  بالىلىقتىكى چېركاۋ ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىم مۇشۇلار. ئەمما چېركاۋ ھەققىدە سۆيۈنگىدەك ئەسلىمەم يەكشەنبىلىك مەكتەپ ئىدى. يەكشەنبىلىك مەكتەپنى ياخشى كۆرەتتىم، چۈنكى رەسىم سىزاتتۇق. نۇھ ئەلەيھىسسالامنى كېمە ياساۋاتقان، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قىزىل دېڭىزنى ئىككىگە بۆلۈۋاتقان ھالەتتە سىزاتتۇق. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بىلسىەڭلار، مىسىردىن چىققاندا قىزىل دېڭىزنى قانداق ئىككىگە بۆلگەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر. نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە كېمىسىنى، داۋۇت ئەلەيھىسسالام ۋە جالۇتنى بىلەلەيسىلەر. يەكشەنبىلىك مەكتەپتە بۇ گۈزەل ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىمىز. خرىستىئان دىنى ھەققىدە بىردىنبىر بىلدىغىنىم پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېكايىلىرى ئىدى، چۈنكى چېركاۋدا پوپنىڭ گەپلىرىگە پەقەت قۇلاق سالمايتتىم. سىلەرگە ئائىلەمنىڭ مۇتەئەسسىپلىكلىرىدىن سۆزلەپ بىرەي.

مەسىلەن، 12-13-14 ياشلىرىمدا قىزلارغا دېققەت قىلىشقا باشلىغىنىمدا ئەمدى ئۇلارنى قېچىشقا تېگىشلىك كىشىلەر ئەمەس دەپ قارىغىنىمدا ئۆيۈمگە بىرەر قىزنى چاقىرماقچى بولغىنىمدا، بۇ ئەھۋال مومام ئۈچۈن شۈنچىلىك مۇھىم ئىدىكى، ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن ئىجازەت ئېلىشىم كېرەك. بۇ قىزنىڭ ئۆيگە كېلىدىغانلىقىدىن مومامنى خەۋەردار قىلىشىم كېرەك ئىدى. مېھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرىشىمىز كېرەكتى ياكى مومام بىز بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇراتتى ياكى بىز ئولتۇرغان ئۆينى ئۇدۇل كۆرۈپ تۇرىدىغان ئاشخانىدا تۇراتتى. بىزنىڭ ئۆيدە مانا مۇشۇنداق ئىدى، قىزلار بىلەن يالغۇز قالالمايتتىم. مومام ۋە بوۋام ھەم قاتتىق قول ھەم مېھرىبان كىشىلەر ئىدى، ئەمما مۇقىم پرىنسىپلىرى بار ئىدى ۋە بۇ پرىنسىپلار قەتئىي ئۆزگەرمەيتتى. مەن مانا مۇشۇنداق چوڭ قىلىندىم.

13-14يېشىمدىن باشلاپ چېركاۋدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان دىنىي مۇراسىملارغا قاتنىشىشقا باشلىدىم. بۇ خىل دىنىي مۇراسىملار 12 ياشتىن يۇقىرىلار ئۈچۈن ئىدى. تەنتەربىيە زاللىرىدا ئۆتكۈزۈلەتتى ۋە چېركاۋدىكىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىدى. ۋاسكىتبول، ۋالىبول، مۆكۈشمەك، توپ ۋە ھەر تۈرلۈك تەنتەربىيە ئويۇنلىرى ئوينايتتۇق.

پىزا، پېچىنە-پرەنىك، تورت ۋە كەمپىت قاتارلىق تاتلىق تۇرۇملارنى يەيتتۇق، ئىشقىلىپ بالىلار ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەر بار ئىدى. كېيىن ھېلىقى مېنىڭ ئۇدۇل خوشنام ياش پوپ بولدى، ئۇ چاغدا مەن 14  ياشتا، ئۇ 17 ياشتا ئىدى. ئۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پوپى بولۇپ بىزگە 30 مىنۇت دەرس بېرەتتى، خرىستىئان دىنىنى ۋە تەڭرىنى چۈشەندۈرەتتى. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى مانا مۇشۇنداق ئۆتەتتى. بۇ يىغىلىشلاردا باشقا يىغىلىشلارغا بارىدىغانلار بىلەن تونۇشتۇم، كارولىنانىڭ جەنۇبىدىكى باشقا خرىستىئانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە تەكلىپ قىلىندىم. ئۇلار بىلەن بىللە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە، دالا سەيلىسىگە قاتنىشىشقا باشلىدىم. مانا مۇشۇنداق ئۆز خاھىشىم بويىچە قىينالماستىن خرىستىئان بولدۇم،خرىستىئان بولۇشقا مەجبۇرلانماستىن ئۆزەم خالاپ بولدۇم. ئارزۇيۇم مۇشۇ ئىدى، بۇنى ئۆزۈم قارار قىلغان ئىدىم. 15 يېشىمدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا باشلىدىم. مەن تولۇق ئوتتۇرىنى ئەمدى باشلىغاندا ئەڭ ياخشى دوستۇم بولغان ياش پوپ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدا ئىدى.

بىر بىرىمىز بىلەن بەكمۇ يىقىن ئىدۇق، ھەر كۈنى مەكتەپكە ئۇنىڭ ماشىنىسىدا باراتتىم، چۈنكى مېنىڭ تېخى پىراۋام يوق ئىدى. مەن ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدىكى بىرەيلەن بىلەن مەكتەپكە بېرىش ئىنتايىن چوڭ ئىش ئىدى ۋە ماشىنىسىمۇ مەن كىچىك چاغدىن باشلاپ ھەۋەس قىلىدىغان مۇستاڭ ماركا ئىدى. مانا مۇشۇنداق تولىمۇ يېقىن ئىدۇق، ئىككىلىمىزنىڭ دادىلىرىمىزمۇ بەكلا ئوخشايتتى، بىزنى قاتتىق باشقۇراتتى. كۆپ ۋاقىتلىرىمىزنى بىللە ئۆتكۈزەتتۇق. مەن تولۇق ئوتتۇرا ئىككىنچى سىنىپقا چىققاندا ئۇ ئوقۇش پۈتتۈردى ۋە بوب جونىس ئۇنىۋېرسىتىغا ئوقۇشقا كىردى. بوب جونىس ئۇنىۋېرسىتى كارولىنانىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ داڭلىق ۋە دىندار خرىستىئان ئۇنىۋېرسىتىدۇر. چۈنكى ھازىرغىچە مەن كۆرگەن ئەڭ مۇتەئەسسىپ دىندار ئۇنىۋېرسىت ئىدى. باشقا ئۇنىۋېرسىتلارمۇ بار، ئەمما بۇ يەر شۇنداق مۇتەئەسسىپ ئىكەنكى، توي قىلمىغان ئەر-ئايالنىڭ بىر ھۇجرىدا تۇرۇپ يالغۇز پاراڭلىشىشى چەكلەنگەن. مەكتەپ مەيدانلىرىدا قىز-ئوغۇللارنىڭ قول تۇتۇشۇپ مېڭىشى چەكلەنگەن ۋە ئوغۇللارنىڭ كۆينەكلىرى ئىشتىنىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەكتى. قىزلار بولسا ئىشتان كىيەلمەيتتى، تاپىنى بىلەن تەڭ ئۇزۇن يوپكا ۋە ئۇزۇن يەڭلىك كوپتا كىيىشكە مەجبۇر ئىدى.

بۇلار بوب جونىس ئۇنىۋېرسىتىنىڭ قائىدىلىرى ئىدى. دوستلار ئولتۇرۇشى ۋە ھاراق ئىچىش دېگەندەك ئىشلار بوب جونىس ئۇنىۋېرسىتىدا يوق ئىدى. دوستۇم ئۇ مەكتەپتە ئوقۇشقا باشلىدى، كەسپى: تەۋرات، ئىنجىلنى تەپسىر قىلىش ئىدى. تەۋرات ئىنجىلنى تەپسىر قىلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تەپسلىي چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئايرىم بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما سىلەرگە قىسقىچە ئىزاھات بېرەي.

بۇ دەرسنى ئۆگەنگۈچى تەپسىرچى كىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بار بولغان ئىنجىل تېكىستلىرى بىلەن تونۇشىدۇ. ئىبرانىيچە، يۇنانچە، ئارامىيچە ۋە لاتىنچە ئۆگۈنۈشى كېرەك، چۈنكى ئىنجىل تېكىستلىرى بۇ تىللاردا يېزىلغان. پەرقلىق ئىنجىللارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، ئوخشاش تېكىستلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشى كېرەك ئىدى. مەسىلەن: ئىنجىل مەتتانىڭ 6 تىلدا 5000 خىل پەرقلىق نۇسخىسى بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ، ئىنجىل تېكىستلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىدىن مۇشۇنچىۋالا زور پەرقلىق ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك ۋە قايسىسىنىڭ ھەقىقى ئىنجىل ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش كېرەك ئىدى. بۇ ئاسان ئىش ئەمەس، چۈنكى ئەڭ قەدىمقى تېكىستلەرنىمۇ ھەقىقى ئىنجىل دېيەلمەيسىلەر، چۈنكى ئىنجىلنىڭ ھەقىقى ئەسلى نۇسخىسى مەۋجۇت ئەمەس. قولىڭىزدىكى ئىنجىل تېكىستى باشقا ئىنجىل تېكىستلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ قەدىمقىسى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇمۇ ئىنجىل كۆچۈرۈلمىسىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنىڭ خاتالىق بىلەن تولۇپ كەتكەن كۆچۈرۈلمىسى بولۇشى مۇمكىن. قولىڭىزدىكى يىڭى تېكىست بولسا ھەقىقى ئىنجىلنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ۋە ياكى تۇنجى كۆچۈرۈلمىسىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەپلىك ئەڭ يىڭى تېكىستى ئەڭ قەدىمقى تېكىستىدىنمۇ ھەقىقى بولۇشى مۇمكىن. چۈشەنگىنىڭىزدەك بۇ تەپسىرشۇناسلىق كەسپى ئاسان كەسپ ئەمەس ئىدى. ئاغىينەم تەۋرات، ئىنجىللارنى تەپسىر قىلىش كەسپىدە ئوقۇشقا باشلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولغىنىم ئۈچۈن مەنمۇ ئۇنىڭ دەرسلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. قاچان تاپشۇرۇق ئىشلىسە ياكى ئىزدىنىش ئېلىپ بارسا ھەر دائىم يېنىدا بولاتتىم. تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغاندا مېنىڭمۇ ئوقۇپ بېقىشىمغا رۇخسەت قىلاتتى. تەتقىق قىلغان قەغەزلىرىنى، كىتابلىرىنى تۈگەتسە ھەممىسىنى ماڭا بېرەتتى.

ئازراق يۇنانچە بىلەن ئىبرانىچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم. شۇنداق قىلىپ ئاستا-ئاستا ئىنجىل تېكىستلىرى تەتقىقاتچىسى بولۇشقا باشلىدىم. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىدا بون جونس ئۇنىۋېرسىتىغا ئىلتىماس قىلدىم،چۈنكى قوبۇل قىلىنىش مۇددىتى 3 يىل بولاتتى.

ۋە 16 ياشقا كىرگىنىمدە دوستۇم مەندىن ئىلگىرى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان بىر سۇئالنى سورىدى.

- ئىنجىلنى ئوقۇپ باقتىڭمۇ؟_دەپ سورىدى.

- ياق، چېركاۋدا ئوقۇيتتۇق، مانا ھازىر ئىچىپ كۆرۈپ قويىۋاتىمىز.- دىدىم.

- قاتناشقان پروگراممىلاردا بىر نەچچە ئابزاس ئوقۇيتتۇق، كېيىن ئوقۇغانلىرىمىز ھەققىدە پاراڭلىشاتتۇق.

- ياق، باشتىن-ئاخىرى كىتاب ئوقۇغاندەك ئوقۇدۇڭمۇ؟-دەپ سورىدى.

مەن ۋە مەن تونۇيدىغان كىشىلەر ئىنجىلنى باشتىن ئاخىرىغىچە ئوقۇپ باقمىغانتى.

ئىنجىلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ۋە يەر يۈزىدە بىزگە يول كۆرسەتكۈچى تەلىماتلار ئىكەنلىكى ئۆگىتىلىۋاتىدۇ.

- ئۇنداقتا بىز نېمىشقا تولۇق ئوقۇپ باقمىدۇق؟_دېدى.

- بۇ بەكمۇ ياخشى سۇئال بولدى دېدىم.

ھەر ئىككىلىمىز ئىنجىلنىڭ يارىتىلىش قىسمىدىن باشلاپ ئاخىرىغىچە تولۇق ئوقۇيلى دەپ ئۆز ئارا بەسلەشتۇق. ئىنجىلنى ئوقۇيلى ۋە تەڭرىنىڭ بىزگە نېمە دېگىنىنى كۆرۈپ باقايلى دېيىشتۇق. چۈنكى بۇ تەڭرىنىڭ بىزگە يول كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر ئىنسانغا ۋەھيى قىلغان سۆزلىرى ئىدى. مۇشۇ سەۋەپلەر بىلەن تەڭرىنىڭ بىزگە نېمە دېگىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئەگەر تەڭرى پوپقا بۇ كىتاب ۋاستىسى بىلەن گەپ قىلغان بولسا، ماڭىمۇ نېمىشقا گەپ قىلمىغۇدەك.

- دېگەنلىرىڭ ئورۇنلۇق، راست دەيسەن، ۋاقتىممۇ كۆپكەن.

- نېمىشقا ئوقىمىغاندىمىز؟ قېنى ئەمىسە ئوقۇيلى - دېدىم.

كىچىك ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپ ئوقۇش ۋە ئۆگۈنۈشنى ياخشى كۆرەتتىم شۇنداق قىلىپ ئىنجىل ئوقۇشنى باشلىۋەتتىم. يارىتىلىش قىسمىدىن باشلاپ ئوقۇشنى قارار قىلدۇق ۋە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا خىرىستىيانلىق ھەققىدىكى بىز بىلىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئويلىماستىن ئوقۇشنى قارار قىلدۇق. خۇددى بۇ كىتابنى چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تېپىۋالغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، بىزگە نېمە دېگەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز. بىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك ئوقۇماقچىمىز. باشلىۋەتتۇق ۋە بەزى ۋاقىتلاردا بىللە ئوقۇيتتۇق، كۆپىنچە ئۆزەم يالغۇز ئوقۇدۇم.

چۈنكى بەكمۇ تىز ئوقۇيدىغانلىقىم سەۋەپلىك ئۆزەم يالغۇز ئوقۇدۇم ۋە ئىنجىلنى ئوقۇغانسىرى ھېلىقى يەكشەنبىلىك مەكتەپتە ئاڭلىغان ھېكايىلەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم.

ئادەم ئەلەيھىسسالام، ھاۋا ئانا، مۇسا، نۇھ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەممىسى مەن بىلىدىغان ھېكايىلەر. ئەمما يەكشەنبىلىك مەكتەپتە ئۈگەنگەن پەيغەمبەر قىسسىلىرىنى ئىنجىلدا ئوقۇغانسىرى ھەيران قالدىم.مانا بۇ ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئارىلاپ پەيغەمبەر ئەۋەتىشىنىڭ ۋە ئىسلامنى قۇرئان بىلەن مۇكەممەل قىلىنغان ھەق دىن قىلىپ ئەۋەتىشىنىڭ سەۋەبى. ئىنجىلدا نۇھ پەيغەمبەرنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇساڭلار، ئىنسانلارنى تۇپان بالاسىدىن قۇتقۇزغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىنى كۆرەلەيسىلەر . ئەمما بۇ قىسسىنىڭ پەقەت ئىنجىلدىلا بايان قىلىنغان، باشقا ھېچقانداق يەردە تىلغا ئېلىنمىغان بىر تەرىپى بار.ئىنجىلدا نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست بولغانلىقى بايان قىلىنغان.ئىنجىل نۇھنى مۇشۇنداق تەسۋىرلەيدۇ.ئىنجىل ئۇنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكى، مەست بولغانلىقىنى سۆزلەيدۇ.مەن پىسخولوگىيە ئوقىغان. كەسپىم: نېرۋا كېسەل ساھەسى ئىدى، مەست بولۇشمۇ بىر خېل نېرۋا كېسەللىكى دائىرىسىگە كىرىدۇ.مەست ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى يېقىن دوستلىرىمنىڭ ھاراقكەش ئاتا-ئانىسىدا تېخىمۇ ئېنىق كۆرگەن ئدىم . مەست بولغان بىر ئادەم قانداقمۇ ھەيۋەتلىك بىر كېمە ياساپ ئىنسانلارنى قۇتقۇزالىسۇن؟ بۇغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن ، ئاددىيسى مەكدونالنىڭ پىزىسى، ھامبورگ پىشۇرۇشمۇ تەس كېلىدۇ ئۇنىڭغا.

مۇشۇ يەردە توختاپ قالدىم، بۇ مېنى بىئارام قىلدى. چۈنكى كۆڭلۈمدە دېدىمكى ؛ - ئەگەر نۇھ ئەلەيھىسسالام مەست بولسا، تەڭرىنىڭ ئۇنىڭغا سۆز قىلغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟ چۈنكى مەن مەستلەرنى بىلىمەن، ئالدىنقى كېچە نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلەلمەيدىغان بىر مەست، ئەتىگەندە قوپۇپ ئاللاھ بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى قانداق ئېيتالىسۇن؟. بۇ ماڭا پەقەت مەنتىقلىق بىلىنمىدى. خۇددى كوچىلاردا مەست-ئەلەس يۈرگەن بىرىنىڭ مەن ئاللاھ بىلەن پاراڭلاشتىم دېگىنىگە ئوخشاش بىر ئىش ئىدى . بۇنداق ئادەم ھېچكىمنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ئەمەس، ھېچكىم ئېتىراپ قىلمايدۇ . بۇ ئىش دېققىتىمنى تارتتى، ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم . چۈنكى خرىستىئان دىنىدا قىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان بىر ئىش بار. بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىر دەمدىن كېيىن ئېيتىپ بېرىمەن. لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىگە كەلگەندە - بۇ ھېكايىنى ھەممەيلەن بىلىمىز، ئەمما ئىنجىلدا بۇ ھېكايىنىڭ ئويدۇرۇلغان بىر بۆلىكى بار.

لوت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىنىڭ بىر كۈنى ئۇنى مەست قىلىپ قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكى يېزىلغان . (ئاللاھ ساقلىسۇن) ئىنجىل ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى مانا مۇشۇنداق تەسۋىرلەيدۇ . بۇ پەيغەمبەر، ئائىلىسىنى سودومدىكى بەچچىۋازلاردىن قۇتقۇزغان كىشى . ئىنجىلدىكى ھېكايە مۇشۇنداق يېزىلغان . بۇ يەردە يەنە توختاپ قالدىم . ناچار ئىشلار قايتا-قايتا داۋاملىشىۋاتاتتى . تىز-تېز داۋاملاشتۇرۇپ، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى ئوقۇماقچى بولدۇم . يەنە باشقا قىسسىلەر بار، ئەمما بۇ قىسسىلەرنىڭ بەزىلىرى ياش چەكلىمىسى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قىسسىلەرنى باشقىلارغا ئېيتقىلىمۇ بولمايدۇ. سىزگە ئېيتىپ بېرىشىم ئۈچۈن 18 ياشتىن يۇقىرى بۇلىشىڭىز كېرەك .

ئىنجىلدا مېنى ھەيران قالدۇرغان، ھەمدە مەن ئەڭ ياقتۇرغان قىسسە بولسا داۋۇت ئەلەيھىسسالام ۋە جالۇت توغرىسىدىكى قىسسە. ئىنجىلدا داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ پاكار، جالۇتنىڭ ئېگىز ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى، بۇ ماڭا يېقىپ قالدى، چۈنكى مېنىڭمۇ بويۇم پاكار ئىدى. بالىلىقىمدىن مۇشۇنداق پاكار ئىدىم. بۇ پسىخىكىنى يېڭىپ چىقىش ئۈچۈن بۇ قىسسە مەن ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆرنەك ئىدى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئىنجىلدا ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى قىسسىلەر بار.ئەمما داۋۇت ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى بىر قىسسە مېنى ھەيران قالدۇردى. بۇ قىسسىدە ئۈچ كىشى بار. داۋۇد ئەلەيھىسسالام، باتشەبا ۋە ئۇرىياھ. داۋۇد ئەلەيھىسسالام شۇ دەۋرىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئاياللىرىدىن بولغان باتشەبا ئىسىملىك بۇ ئايالنى كۆرىدۇ.بۇ ئايال داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوماندانى ئۇرىيا بىلەن ئۆيلەنگەن. ئەمما داۋۇد ئەلەيھىسسالام بۇ ئايال بىلەن بىرگە بولۇش گۇناھىدىن ساقلىنالمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىپ سالىدۇ ۋە گۇناھىنى يېپىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قوماندانلىرىغا خەت يازىدۇ. ۋە ئۇرۇشنىڭ ئەڭ شىددەتلىك ۋاقتىدا چېكىنىپ ئۇرىياھنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇرىياھ ئۆلتۈرۈلسۇن ۋە باتشەبا ئاسانلا ئۇنىڭ بولۇپ كەتسۇن. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئەلەيھىسسالام جالۇتنى ئۆلتۈرگەن قەھرىمان كىشىدىن - زىناخور، ئاغدۇرمىچى، قاتىل بىر كىشىگە ئايلىنىدۇ.

دەل مۇشۇ يەردە توختىدىم ۋە بىر خاتالىق بار دېدىم. چۈنكى مېنىڭ خىيالىمدا پەيغەمبەرلەر ئۈلگە قىلىنىدىغان ۋە ئۇلارغا ئەگىشىلىدىغان ئىنسانلار دەپ قارايتتىم. ھەممىمىزدىن ياخشى بۇلىشى كېرەك ئىدىكى، ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭاتتۇق. ئەمما بۇ ئوقۇغان قىسسىلەرگە قارىغاندا، بۇلار ئامېرىكىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋەھشى جىنايەتچىلەردىنمۇ ناچار ئىنسانلار ئىدى. ئىنجىلدىن داۋۇت ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئۆگەنگەنلىرىمگە قارايدىغان بولساق. ئۇ كىشى بىلەن يولدا ئۇچرىشىپ قالساق، دەرھال كەينىمگە يېنىپ ساقچى چاقىراتتىم. بۇ ئادەم ھېچقانداق ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى ئەمەسكەن دەپ ئويلاشقا باشلىدىم. توغرا، جالۇتنى ئۆلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇرىياھنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىش ئۈچۈن، ئۇرىياھ ئىسىملىك كىشىنىمۇ ئۆلتۈردى.

خرىستىئان دىنىدىكى چوڭ گۇناھنى قىلىشقا باشلىدىم، يەنى سوئال سوراشقا باشلىدىم. خرىستىئان دىنىدا قىلسا بولمايدىغان ئىشلاردىن بىرى، تولا سوئال سوراش . سوئال سوراشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ بۇ خىل تېمىلاردا. ئۆتمۈشكە قايتىپ، سوئال سوراشقا باشلىدىم، نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ دېدىم. ئىنجىلدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ تەكرارلانغان ناچار خۇيلىرى بار، بۇ نېمە ئىش؟.

مەن پاراڭلاشقان ھەرخىل مەزھەپلەرنىڭ پوپلىرى خۇددى بىر قېلىپقا چۈشكەندەك، ھەممىسى ئوخشاش جاۋاب بېرەتتى. قوللىرىنى مۈرەمگە قويۇپ تۇرۇپ، مۇنداق دەيتتى: - «قېرىندىشىم جۇشا، ئازراق بىلىمنىڭ ئىمانىڭنى يوقىتىپ قويۇشىغا يول قويما. چۈنكى سېنى پاكلايدىغىنى، ئىلىم ئەمەس، ئىمان " - دەيتتى. ۋە ماڭا ئىنجىل ئوقۇپ بېرەتتى. " ئىيسانى ئىمانى پاكلىدى. پائۇلنى ئىمانى پاكلىدى ... " ھەر ۋاقىت ماڭا بۇ تېكىستنى سۆزلەپ بېرەتتى. خۇددى بۇرۇن بىر قېلىپقا سېلىپ قويغاندەكلا. خۇددى پوپلار مەكتىپىدە، كىشىلەرنىڭ بۇ سوئالنى سورايدىغانلىقىنى ھەمدە بېرىلىدىغان جاۋابنىڭ بۇ ئىكەنلىكىنى ئۆگەتكەندەك ئىدى.پوپقا :

-  بىلمىدىم، ئەمما غەلىتە كۆرۈنۈۋاتىدۇ -دېدىم.

- ماڭا ئېيت - دېدى پوپ:

- سېنىڭ ئوقۇغىنىڭ بۇرۇنقى تەۋرات -كونا ئەھدە، يەھۇدىيلارنىڭ ئىلاھ بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكى يېزىلغان. ئۇلار بىر ئاز پەرقلىق كىشىلەردۇر. ناھايىتى تەرسا ۋە ساراڭ. نېمىشقا ئىنجىل-يېڭى ئەھدىنى ئوقۇشقا باشلىمايسەن؟ ئىنجىل-يېڭى ئەھدىدە تۈزگەن كېلىشىم ئىيسانىڭ پەيغەمبەرلىكى ئاستىدا ئىدى. ئۇنى ئوقۇساڭ، بۇ ئىش ھەل بولىدۇ. تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ - دېدى. مەن:

- بولىدۇ، - دېدىم ۋە ئىنجىل-يېڭى ئەھدىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.

ئەمما تەۋرات-كونا ئەھدىدىن ئۆگەنگەن باشقا نەرسىلەرمۇ بار ئىدى. ئىنجىل-يېڭى ئەھدىنى ئوقۇشقا باشلىغاندا بۇلارنى ئەستە ساقلىۋالماقچى ئىدىم. تۇنجى بولۇپ، ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز ۋە بىر ئىكەنلىكىنى ئۆگەندىم. تەۋرات-كونا ئەھدىدىن ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، يېگانە ئىكەنلىكىنى ئۆگەندىم. ئىنجىلدا بۇ تەكرار، قايتا - قايتا سۆزلەنگەن، ئىنتايىن ئېنىق، ئاللاھ بىردۇر.تەۋرات-كونا ئەھدىدىمۇ بۇ ناھايىتى ئوچۇق. تەۋراتتىكى تەڭرى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىشىنى خالىمايتتى. ھەمدە يەھۇدىيلار شۇنداق قىلىپ قالسا، ئۇلارنى قاتتىق جازالايتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا چەكلىمە قوياتتى. ئۆگەنگەنلىرىم ئارىسىدا بۇ مەزمۇنلار بار ئىدى. بىلىشىمچە، يەھۇدىيلار تەڭرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلمىغاچقا جازاغا ئۇچرىغاندەك قىلاتتى.

بۇ مىسالنى ياقتۇرمايمەن، ئاللاھ ساقلىسۇن، ئارىمىزدىن بىرىنىڭ چىقىپ بانكا بۇلىغانلىقىنى مىسال قىلساق: بانكا بۇلىسىڭىز، ئۇزۇن مەزگىل تۈرمىدە ياتىسىز. ھەر كۈنى ئويغانغىنىڭىزدا ئۇ تۈرمىنىڭ سىزگە ھىلتون مېھمانخانىسىدەك بولىدىغانلىقى ئويلامسىز؟ مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن. ئېھتىمال قاراڭغۇ، سوغۇق، ناچار يېمەكلىك، ناچار ھەمراھ بار بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبىنى پىسخولوگىيەدىن بىلدىمكى، بۇ كىشىگە ھەر ئويغانغىنىدا - سەن تۈرمىدىسەن دېگەن بىر ئەسكەرتىش بولۇشى كېرەك. ئۇلارغا ھەر كۈنى - سەن تۈرمىدە، چۈنكى سەن جىنايەت ئۆتكۈزدۈڭ دەپ ئەسكەرتىشى كېرەك ، ۋە بۇ يەرنى باشقۇرىدىغىنى بىز، سەن ئەمەس.تۈرمىدىكى كىشىگە بىلدۈرۈلمەكچى بولغىنى دەل مۇشۇ نوقتا. بۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار ئاللاھقا قارشى چىققاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا چەك قويۇلدى. ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى يەھۇدىي دىنىدا كۆرەلەيسىز. يېمەكلىك ھەققىدىكى ھۆكۈملەرگە كەلسەك، بىز مۇسۇلمانلار يېيەلەيدىغان ياخشى نەرسىلەر مەسىلەن: گۆشنىڭ ياخشى جايلىرى، ئۇلارغا چەكلەنگەن.بۇلار ئۇلار ئۈچۈن چەكلەنگەن، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا ھەر كۈنى مەن ئاللاھمەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار مەن، ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك، بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى مەن، سىلەر ئەمەس دەيتتى. تەۋرات-كونا ئەھدىنى ئوقۇغاندا يۇقارقى نوقتىنى چۈشەندىم، بۇ ئۇقۇمنى ھېس قىلدىم.

شۇنداق قىلىپ مەتتا، ماركوس، يۇھاننا ۋە لۇقادىن تەركىب تاپقان ئىنجىل-يېڭى ئەھدىنى باشلىدىم.ۋە بۇ ئىنجىلنى باشلىغاندا مۇنداق قىلدىم، سىز كىتاب ئىشكاپىدىن كىتابنى ئالغاندا تۇنجى نەگە قارايسىز؟.كىتاب ئىسمىغا قارايسىز، ئاندىن ئاپتورىغا، كىتابنىڭ ئىسمى ۋە كىمنىڭ يازغانلىقىغا. ئىنجىلنىڭ ھەر بىر كىتابىغا بۇ سىناقنى قويسىڭىز، ماۋزۇسى چىقىدۇ، ئەمما كىمنىڭ يازغانلىقىنى تاپالمايسىز. يازغۇچىسى يا مەجھۇل ۋە ياكى يازغۇچىسى پۇستانى كىشى بولۇشى مۇمكىن ياكى ئېھتىمال پالانى يازغۇچىنىڭ يازغىنىدىن ئېلىنغان نەقىل بولۇشى مۇمكىن دېگەندەك.

مەسىلەن: مىسىردىن چىقىش (تەۋرات-كونا ئەھدە 2-كىتاب)نى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يازغانلىقى ئېيتىلغان.ئەمما مىسىردىن چىقىشنى ئوقۇسىڭىز، كۆرىسىزكى، ھەممىسىنى ئۇ يازغان ئەمەس، چۈنكى، مىسىردىن چىقىشنىڭ ئاخىرقى بۆلۈمىدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈمى، يەرلىككە قويۇلۇشى ۋە يۇشا ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆلگەندىن كېيىن بىر نەرسە يازمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا ھەرگىز بۇنى ئۇ يازمىغان. ۋە مەتتا، ماركوس، يۇھاننا ۋە لۇقاغا كەلسەك، مەتتا كىم؟ ماركوس كىم؟ يۇھاننا كىم؟ لۇقا كىم؟ بىلگۈم بار ئىدى.چۈنكى مەتتا ئىنجىل دەپ قارىلىدۇ. ئەڭ يامىنى شۇكى، ھېچكىم بىلمەيدۇ. ، چۈنكى بۇ كىتابلارنى يازغۇچىلار ئىسىملىرىنى يازمىغان. ھېچقانداق بىر ئالىم، سىزگە ئېنىق قىلىپ مەتتانىڭ بۇنى يازغانلىقىنى، ماركوسنىڭ.بۇنى يازغانلىقىنى، يۇھەننانىڭ بۇنى يازغانلىقىنى بىلىمىز دېيەلمەيدۇ. بۇلارنى كىملەرنىڭ يازغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىمىز ئېنىق. ئاللاھ ئىنسانلارغا يول كۆرسىتىش ئۈچۈن نازىل قىلغان ۋەھىينى يازغانلارنىڭ نەسىلدىن نەسىلگە يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ ئىسمىنى يازمىغانلىقىنى مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.

قانداقلا بولمىسۇن، ئوقۇشقا باشلىدىم ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆگەتكەنلىرى توغرىسىدا بەزى ئىشلارنى چۈشىنىشكە باشلىدىم.بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى مەن چېركاۋدا ئۆگەنگەن ئەمەس. ئىيسا ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەندە ئاللاھنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالاتتى ۋە تەۋرات - كونا ئەھدىدە تىلغا ئېلىنغان ئاللاھ بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئىيسا ئەلەيھىسسالام نەچچە قېتىم ئاللاھنىڭ يېگانە ئىكەنلىكىنى، شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ھەتتا ئىبرانىچە «ئىلاھىڭلار يېگانىدۇر» دېگەن. ئەڭ بۈيۈك ئەمىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇنىڭدىن سورالغاندا - ۋە مۇسۇلمانلارمۇ بۇ ئىككى ئىشنى چۈشىنىۋېلىشى كېرەك، بۇ سىلەر ئۈچۈن يېڭى بىر ئىش ئەمەس - ئەڭ بۈيۈك بۇيرۇق بولسا، رەببىڭنى چىن كۆڭلۈڭدىن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيۈشتۇر. ئاندىن كېيىن، خوشناڭنى ئۆزۈڭنى ياخشى كۆرگىنىڭدەك ياخشى كۆرۈش. قالغىنى بۇلارغا باغلىق - دېدى.

ئىسلامدا ياراتقۇچىنىڭ ھەقلىرى بولغاندەك، يارالغۇچىنىڭمۇ ھەقلىرى بار، بۇنى بىلىمىز. يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆگەتكىنىمۇ بۇ ئىدى. ۋە يۇھاننا ئىنجىلى 17-باب 3-ئايەتتە ئېيتقانلىرى. بۇ مەن ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشتىن ئېنىقراق. مەڭگۈلۈك ھايات، ھەقىقىي ۋە يېگانە بولغان ئاللاھنى ۋە ئەلچىسى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى تونۇشتۇر. ئەگەر يۇنانچە ياكى ئارامىچە ئىنجىلغا قارايدىغان بولسىڭىز بۇنىڭ " لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ " بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ھازىر ئەرەبچە بىلگەنلىكىم ئۈچۈن بۇنى چۈشىنىۋاتىمەن. بىر-بىرىگە ئىنتايىن ئوخشايدىغان بايانلار. ئەلۋەتتە، مەۋھۇم بايانلارمۇ بار، ئەگەر ئۇ بايانلارنى تەتقىق قىلىدىغان بولسىڭىز بەلكىم ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى تەڭرىنىڭ ئورنىغا قويغانلىقىنى ياكى ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىش قىلغانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن، ئەمما پسىخولوگىيە ۋە ئازراق باشقۇرۇش ئىلمى ئۆگەنگەنلىكىم ئۈچۈن شۇنى بىلىمەنكى، ئېنىق بولمىغان بىر ئىپادە، ئېنىق بولغان بىر ئىپادىنىڭ ھۆكمىنى بۇزالمايدۇ. ئېنىق بولغان بىر ئىپادە ھەر ۋاقىت ئۈستۈندۇر. يەنى ئەگەر ئىيسا ئەلەيھىسسالام "ئاللاھ بىر" دېگەن بولسا ، ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېپىق بىر ھالدا،ئىلاھىنىڭ بىردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلغان بولسا، ئۇ چاغدا ئېنىق بولغان ئىپادە يەنە بىرىنىڭ ھۆكمىنى يوق قىلىۋېتىدۇ .

ئىنجىل-يېڭى ئەھدىنى ئوقۇش ئارقىلىق بۇنى چۈشەندىم. ۋە يەنە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ گۇناھلاردىن پاكلىنىشنى ئۆگەتكەنلىكىنى ئۆگەندىم.ئەمما ئۇ ئۆگەتكەن گۇناھلاردىن پاكلىنىش ئۇسۇلى ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلاش ئىدى. ئۇنىڭ گۇناھلاردىن يىراقلىشىش ئۇسلۇبى بۇ ئىدى. بىر كىشى ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا قانداق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ، بۇيرۇقلارغا بويسۇنغىن دېدى، - ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلغىن. مەتتا ئىنجىلىدا بۇنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقان: كىمكى بۇ بۇيرۇقلارغا ئاز بولسىمۇ ئەمەل قىلسا ۋە باشقىلارغا ئۆگەتسە، ئاسمانلاردا ئەڭ بۈيۈك دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ، ئەمما كىمكى بۇ بۇيرۇقلارنىڭ ئەڭ كىچىكىگىمۇ ئەمەل قىلمىسا، كىشىلەرگە بۇنى ئۆگەتسە ئاسمانلاردا قىممەتسىز (پەس) دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنى چۈشەنگەن ئىدىم. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىلاھنى تەۋرات-كونا ئەھدىدىكىدەك چۈشەندۈرگەن. گۇناھلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىش ئىكەنلىكنى ئۆگەتكەن ئىدى. بۇنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندىم، مەتتا، لۇقا، ماركوس ۋە يۇھەننا بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئوچۇق ئىدى. ئىلاھنىڭ يېگانە ئىكەنلىكى توغرىسىدا يازغان ئىدى، ئەمما مەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققان سۆزلەردىن باشقىسىغا ئەھمىيەت بەرمىدىم. مەتتا، لۇقا، ماركوس ۋە يۇھەننا قاتارلىق ئىنجىللارنى ئوقۇدۇم.كىتابلار ھەممىسى ئوخشاش گەپنى سۆزلەيتتى.

ئەمما خرىستىئان دىنىدا چېركاۋدا ماڭا ئۆگەتكىنى بۇ ئەمەس. چېركاۋدا ماڭا تەڭرىنى «بىر ئىچىدە ئۈچ»، «ئۈچ ئىچىدە بىر» دەپ ئۆگەتتى. ئۈچلۈك تەڭرى ئەقىدىسىنى ئۆگەتتى. دادا، ئوغۇل، مۇقەددەس روھ. ئىيسا سېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ئۈچۈن كرېستقا مىخلاندى ۋاھاكازالار.

تەۋرات-كونا ئەھدىدە بايقىغان يەنە بىر ئىش بولسا شۇ ئىدى. بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر دەرستۇر، چۈنكى بۇنى باشقىلار سىزدىن داۋاملىق سورايدۇ. بولۇپمۇ، ئىسلامغا دەۋەت قىلغاندا ۋە مەن ئىسلامنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئىنجىلنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇمىغىچە بۇ ئىككىسىنى بىر يەرگە كەلتۈرمىدىم.يەھۇدىيلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى كرېستقا مىخلاشقا بۇنداق ئالدىرايدىغانلىقىنى بىلگۈم بار ئىدى. ئۇنى بىۋاستە ئۆلتۈرۈۋېتەلەيتتى، ئەمما نېمىشقا كرېستقا مىخلىماقچى بولۇشتى؟ ئەمدى سەۋەبىنى چۈشىنىۋاتىمەن.

سەۋەبى مۇنداق : ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش. پائۇل بۇنى گالاتيالىقلارغا يازغان سالام خېتىدە سۆزلەپ بەرگەن. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى نېمىشقا كرېستقا مىخلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى. پائۇل مۇنداق دەيدۇ: كرېستقا مىخلاش يەھۇدىيلار ئۈچۈن گۇناھ دېغى. پائۇل بۇنى گالاتيالىقلارغا يازغان سالام خېتىدە ئېيتىپ بېرىدۇ. تەۋرات-كونا ئەھدىدىن نەقىل ئېلىپ ياغاچقا ئېسىلغان ھەر قانداق شەيئى لەنەتلەنگەن شەيئىدۇر، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەۋرات-كونا ئەھدىنى قايتا ئوقۇدۇم، شۇنى ھېس قىلدىمكى كرېستقا مىخلانغان كىشىلەر يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىلاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدىكەن. بىر ئادەم كرېستقا مىخلىنىش ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئادەم ئىلاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان دەپ قارىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىدا مۇشۇنداق ھۆكۈم بار. بىر كىشى كرېستقا مىخلانغان بولسا، ئۇ كىشى لەنەتكە ئۇچرىغان كىشى دېمەكتۇر. يەنى بۇ جىنايەتچىلەرنى نەگە كۆمسە، ئىسرائىلىيەدە، قۇددۇستا، پەلەستىندىكى قەبرىستانلىقلارغا، كرېستقا مىخلانغان بۇ جىنايەتچىلەر كۆمۈلگەن جايلارمۇ شۇملۇق ئېلىپ كېلىدىغان جايلار دەپ قارىلاتتى. ئۇ تۇپراقلاردىن قاچاتتى، چۈنكى ئۇ يەرگە كۆمۈلگەن ئىنسانلار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان ئىنسانلار ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئىشنى خىيالىمدا بىرلەشتۈرۈشكە باشلىدىم، يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرگۈسى يوق ئىدى.چۈنكى خالىسا ئۆلتۈرۈۋېتەلەيتتى. ئۇلار ئۇنى (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلماقچى ئىدى.پەقەتلا مەقسىتى بۇ كىشىنى يالغانغا چىقارماق. ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېيتاتتى. ئەمما ئۇلار ئۇ كىشىنى يالغانغا چىقارماقچى ئىدى. ئۇلار بىلەتتى، ئەگەر ھەزرىتى ئىيسانى كرېستقا مىخلىيالىسا ئۇ مەسىھ بولمايتتى. ئەگەر ئۇنى كىرىستقا مىخلىيالىسىڭىز ئۇ مەسىھ بولالمايدۇ. ۋە ئۇ ئەگەر مەسىھ بولسىمۇ، كىرىستقا مىخلانسا، بۇ، ئۇنىڭ دەۋاسىغا زىيان سالىدۇ. ئۇلار بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئىيسانى كرېستقا باغلىماقچى بولىدۇ. ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنى كرېستقا باغلىنىشتىن قۇتقۇزىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ ئىدى. ھەممەيلەن ئاللاھنىڭ ئۇنى نېمە ئۈچۈن كرېستقا باغلىنىشتىن قۇتقۇزغانلىقىنى سورايدۇ. چۈنكى ئۇ شەرىئەتنى تاماملاشقا كەلگەنتى ۋە شۇ سەۋەبتىن كرېستقا باغلىنىپ لەنەتلەنمەيتى. ئۇ - مەن بۇ شەرىئەتنى تاماملاشقا كەلدىم - دېدى. بۇ سەۋەبتىن شەرىئەتتە خاتا سانىلىدىغان بىرەر ئىش ئۇنىڭدىن تېپىلمايتى. شۇڭلاشقا ئاللاھقا قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن يالۋۇردى، چۈنكى دەۋاسىغا قانچىلىك پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

شۇنداق قىلىپ بۇلارنى كۆرۈشكە باشلىدىم ھەم ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم. ھەم پائول (پاۋلۇس)نىڭ سالام خەتلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ئىشلار شۇنداق قىلىپ ئەكسىچە بولدى، بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە يۆتكەلدى. ئۆگەنگەنلىرىم ھەممىسى قالايمىقانلىشىپ كەتتى، تەڭرىگە ئىتائەت ۋە ئىبادەتتىن. شەرىئەتكە ئەمەل قىلىشتىن ۋە ئىيساغا ئىشىنىشتىن تامامەن ئارقىغا قايتتىم. ھەتتا پائول "نېمىشقا ھازىرغىچە بۇ لەنەتكار شەرىئەتكە بويسۇنىسىلەر؟" دەپ يازغانتى. - ئىيسا مەسىھ بىزنى بۇ لەنەتلەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلدى - دەيتتى.شۇنداق قىلىپ مەن ئۆز-ئۆزەمگە شۇنداق دېدىم، لېكىن بۇنىڭدىن پەقەت بىر نەچچە كىتاب بۇرۇن ئىيسا پەيغەمبەر كىمكى بۇ ئەمىرلەرگە خىلاپلىق قىلسا ۋە خىلاپلىق قىلىشنى ئىنسانلارغا ئۆگەتسە، ئۇ كىشى ئەڭ خار كىشى بولىدۇ دېگەنلىكىنى ئوقۇغانتىم. ئەمما بۇ يەردە پائول بۇ ھۆكۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتاتتى.

بۇ نېمە بوپ كەتتى ئەمدى دەپ ئويلىدىم-دە، پوپتىن سوراشقا باشلىدىم.

پوپ: "سەن ئەمدى چوڭقۇر سۇلارغا شۇڭغۇشقا باشلاپسەن" دېدى. - ئەمدى ئىنجىل-يېڭى ئەھدىنى سوراققا تارتىشقا باشلىدىڭ، ھەقىقەتەن جىددى سوئاللىرىڭ باركەن - دېدى. ھەتتا مېنى شەيتان ئېزىقتۇرۇپ كەتكەنمىكىن دەپ ئويلىدى.

ئىچىم زىدىيەتلەر بىلەن توشۇپ كەتكەنتى، دوستۇم مېنى تەۋرات ئىنجىلنى تەپسىر قىلىش دەرسىگە بىللە ئېلىپ باردى. ئۇنۋېرسىت پروفېسىسورىنىڭ يېنىغا ئاپاردى، ئۇ ئادەمنىڭ دېگەنلىرى خىرىستىيان دىنىغا بولغان ئىمانىمنى پۈتۈنلەي يوق قىلدى. مېنىڭ دۇنيانى ئايلىنىپ ھەممە ئادەمگە بوب جونىس ئۇنۋېرسىتىدىكى بىر خىرىستىيان پروفېسىسور مېنى خىرىستىيانلىق ئېتىقادىمدىن ياندۇرىۋەتكەن دېگەننى ھەممە ئادەمگە دەپ يۈرگەنلىكىمدىن ئۇ بەلكىم مەمنۇن بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئەمما ھەقىقەتەن شۇنداق قىلدى، مېنىڭ ئۇنىڭدىن سورىغانلىرىم :

- بۇ بارلىق زىدىيەتلەر نېمە؟ -دەپ سورىدىم.

تەۋرات-كونا ئەھدىدە سان-ساناقسىز زىدىيەتلەر بار ئىدى. ئىبرانىچە بىلسىڭىز ياكى تەۋراتنى ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز. تەۋراتتا بەزى جۈملىلەر باركى، قۇرئاندىكى ئەرەبچىدەك ناھايىتى گۈزەل بولغىنىدەك ئىبرانىچىسىمۇ ناھايىتى گۈزەل ۋە ئەسلى نوسخا. ئۈچ بۆلۈم ئوقىغاندىن كېيىن شۇنداق جۈملىلەرنى كۆرىسىزكى، خۇددى ئۈچ ياشلىق كىچىك بالا يازغاندەك بورمىلانغان ۋە شۇنداق ئاددى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئوخشاش بىر ئادەم ئەمەسلىكىنى بىلەلەيسىز.شۇڭلاشقا بارلىق ھېس قىپ يەتكەن نەرسىلىرىمنى پوپتىن سورىدىم.ماڭا شۇنداق دېدى:

- قولۇڭدىكى كىتاب ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەسىرلەردىن بېرى ئۆزگەرتىلگەن. يەنە بۇ كىتاب ئەسلى ھالەتتىن قايتا-قايتا كۆچۈرۈلدى، بىرسى خاتانى قوشسا يەنە بىرى ئۇ خاتانى تۈزەتتى ۋە ئۆزى ئىچىدىن چىقىرىپ بىر نەرسىلەرنى ئىلاۋە قىلدى، كېيىن باشقا بىرى قۇر تاشلىدى ۋە لازىمى يوق يەرگە بىر قۇر قوشتى. ۋە باشقا بىرى بۇنى كۆچۈرۈپ ئۆز دۆلىتىگە ئاپاردى، ئۇنى ئۇ يەرگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى نوقتىلارنى ۋە سۆزلەرنى ئۆچۈردى، بەزىلىرىنى ئۆزگەرتتى. سەۋەبى بۇنى دۇنيانىڭ ئۇ تەرىپىدە مەۋجۇت بولغان دىنىي قاراشلار بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشتى. ھازىرقى قولىمىزدىكى بۇ مۇقەددەس كىتاب مانا مۇشۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەھسۇلى. ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن ۋە ئۈستىدە ھېلىمۇ بارماق ئىزلىرى بولغان نوقسانلىق بىر كىتاب ۋە بۇ نۇقسان ئىمان بىلەن تۈزلىنىدۇ - دېدى. بۇ كىتابقا ئىمان ئېيتىش خاتالىقلاردىن ساقلايدۇ - دېدى. تېكىستتىكى خاتالىقلارنى تۈزىتەلمەيسەن، تېكىستى مۇكەممەل بىر كىتاب ئەمەس. لېكىن ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەر ئىمان ئېيتقان بولىدۇ" دېدى.

مەن: "مانا يەنە ئىماننىڭ گېپىنى قىلىشقا باشلىدۇق" دېدىم. تەڭرى ماڭا بىر سەۋەب ئۈچۈن ئەقىل بەردى.ئەگەر مېنىڭ بۇ ئەقىلنى ئىشلىتىشىمنى خالىمىغان بولسا سەۋەب ۋە مەنتىقىنى قالدۇراتتى. ئەقلىمدىن بۇ قىسىمىنى ئۆچۈرەتتى ۋە پەقەت ئىمان بىلەنلا تولدۇراتتى. " مەن ئەخمەق ئەمەس " دەپ ئويلاشقا باشلىدىم.مەن بۇنىڭغا ئېتىقاد قىلالمايمەن دېدىم، بۇ كىتاب ماڭا تەڭرىنىڭ سۆزلىرى دەپ ئۆگىتىلدى، لېكىن سىز ماڭا مۇقەددەس كىتابنىڭ نۇقسانلارغا تولغان بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئىمان بىلەنلا بۇ نۇقسانلاردىن خالىي بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىسىز. بۇ خۇددى 1982-يىلدىكى كونا مودا دۇتسون ماركىلىق ماشىنىنى ئېلىپ، ئەگەر ئىشەنسىڭىز بۇ بىر مېرسېدېس ماركىلىق ماشىنا بولىدۇ دېگىنىمگە ئوخشاش بىر ئىش.بۇ ھېچ ئەقىلگە سىغمايدۇ، بۇ كونا دۇتسون ماشىنىنى ساتماقچى بولۇپ، ئەگەر ئىشەنسەڭلار بۇ مېرسېدېس ماشىنا بولىدۇ دېيەلمەيسىز.مەن: "ياق، بۇ، خاتالىقلار بىلەن تولغان بىر كىتاب، تەڭرىنىڭ دىنى مۇكەممەلدۇر" دېدىم. ئەگەر ئۇنىڭ بىر دىنى بولسا ئۇ مۇكەممەلدۇر، بىر كىتابى بولسا مۇكەممەلدۇر.چۈنكى تەڭرى مۇكەممەلدۇر.شۇنىڭ بىلەن خىرىستىيانلىقنى پۈتۈنلەي تاشلىدىم. ئىنجىلدىن بەزى ئۇقۇملارنى ئۆگەنگەنتىم، تەڭرى بىر ئىدى. مېنى باشقىچە ئالدىيالمايتتىڭىز، تەڭرى بىلەن مېنىڭ ئارامدا ھېچكىمنىڭ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى چۈشىنەتتىم. چۈنكى مېنى ھەر قانداق بىرىدىن رۇخسەت ئالماستىن ياراتتى، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشۈم ئۈچۈنمۇ ۋاستىچىغا ئېھتىياجىم يوقتى.ئەگەر گۇناھىمنى كەچۈرىدىغان بىرسى بولسا دەل شۇ تەڭرى ئىدى، چۈنكى ھېساب كۈنىدە پەقەتلا تەڭرى بىلەن يۈزلىشەتتىم.ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تېخىچە بىلمەيتتىم، شەك-شۈبھەم بار ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن باشقا دىنلارنى تەتقىق قىلىشنى قارار قىلدىم، يەھۇدىلىقنى تەتقىق قىلىشنى باشلىدىم.يەھۇدىلىقنى تەتقىق قىلىپ ئوخشاش بىر نەرسىنى تاپتىم، ئىيسا پەيغەمبەر مەنىۋىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىككى يەھۇدىنى بايان قىلغان ئىدى.بۇ ئىككى يەھۇدى شەرىئەتنى تاشلاپ، شەرىئەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەنىۋىيەتنىمۇ تەرك ئەتكەنتى. بۇددا دىنى، ھىندى دىنى، داۋجىياۋ، كوڭزىچىلىق، ۋىككا قاتارلىق دىنلارنى ئۆگەندىم. ئۈگەنگىدەك بارلىق دىنلارنى ئۆگەندىم، ئەمما ھەر بىر دىن ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر تەجرىبە سىنىقىم بار ئىدى، قاچانكى ئۇ دىننىڭ مۇخلىسىلىرى بىلەن ئۇچراشسام كىتابىڭلار بارمۇ؟ دەپ سورايتتىم.

- كىتابىڭلار بارمۇ؟

چۈنكى خۇلاسىسىگە ئېرىشمەكچى بولغان نەرسەم شۇكى، ئەگەر سىزنىڭ دىنىڭىز ھەق دىن بولسا، ماڭا كونكېرت بىرەر نەرسە بېرىشىڭىز ھەم بۇ دىننىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىڭىز كېرەك. كۆرگىدەك بىرەر نەرسە بېرىڭ. پەقەتلا ئىمان كەلتۈرسەڭ يېتەر دېگەن گەپنى ئاڭلىغۇم يوق، ھاياتىم بويىچە ئاڭلىغىنىم پەقەتلا شۇ سۆز. قاراڭ مېنى نەلەرگە ئاپاردى؟ مېرسېدېس ھەيدىگىنىمنى خىيال قىلغۇزۇپ قويۇپ 1982-يىلدىكى كونا دۇتسون ماشىنىنى ھەيدىگىلى سالدى. ماڭا ئىسپات كۆرسىتىشىڭىز كېرەك دېدىم. ھىندىلارنىڭ باگاۋاد گىتا كىتابىنى ئوقۇدۇم، تەۋرات ئوقۇدۇم، بوشىدو كودىنى ئوقۇدۇم. ۋىككا (ئەنگىلىيەدىكى جادىگەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر دىن)نىڭ روھلار ۋە سېھىرگەرلىك ھەققىدىكى كىتابلىرىنى ئوقۇدۇم. بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇدۇم، ھەممىسىدە بىر بىرىگە بىر قەدەر ئوخشىشىدىغان شەيئىلەرنى بايقىدىم. بۇ خىل دىنىي كىتابلارنىڭ ھەممىسىدە بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان تەلىماتلار ۋە پەلسەپىلەر بار ئىدى. ھەممىسى تەڭرى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرەتتى، كۆپىنچىسىدە تەڭرىنىڭ بىر ئىكەنلىكى سۆزلىنەتتى. تەڭرىنىڭ بىزلەرنى يېتەكلەش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەۋەتكەنلىكى سۆزلىنەتتى، ئەمما راست گەپ قىلساق بۇ كىتابلار ئاساسەن ئىشەنگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مەنتىقىسىز، چۈشنىكسىز، نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى.

شۇنداق قىلىپ 17 يېشىمدا تەڭرىنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچتىم. تەڭرىدىن خاپا ئىدىم، مەن بۇ يەردە سېنى ئىزدەيمەن، ئەمما تاپالمايمەن. ماڭا ياردەم قىلمىدىڭ دەپ ئويلايتتىم، كىمنىڭ بىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتىم. ئەمما تەڭرىنى ئويلاۋېىرپ تاپالماي ئۈمىتسىزلىككە چۈشكەن 17 ياشلىق بىر يىگىت ئۈچۈن دۇنيادا ئۇنى پالاكەتكە چاقىرىدىغان نۇرغۇن ئىشىك بار ئىدى. بولۇپمۇ دۇنيادا چۈشكۈنلەشكەن ۋە ئەگەر تەڭرى بار بولسا مەن بىلەن كارى يوق دەپ ئويلىسا بۇ يگىت خەتەرلىك ۋە قېنى قىززىق ياش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەسكى ئىشلارنى قىلىشقا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىشقا باشلىدىم. كېچىلىك ئولتۇرۇشلارغا باراتتىم ۋە بەلگىلەنگەن ياشتىن كىچىك تۇرۇپمۇ ھاراق ئىچەتتىم. مەن مۇكەممەللىكنى قوغلىشاتتىم، خرىستىئان چېغىمدىمۇ كامىل خرىستىئان بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئەگەر باشقا بىر دىنغا كىرگەن بولسام 100% ئەمەل قىلاتتىم، شۇنداق قىلىپ دۇنيا ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتتىم، ئۇنىمۇ 100% قىلدىم.

15 ياشتىن باشلاپ چامباشچىلىقنى بىلەتتىم ۋە پەقەتلا ئىككى يىل خىيالىمدا لى شىياۋلوڭ بولغىنىمنى بىلىمەن. نۇرغۇن جېدەللەرگە ئارىلاشتىم، مەكتەپتىن قاچتىم ۋە باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدۇم. جېدەل سەۋەبىدىن قاماققا سولاندىم ۋە يامان يولغا مېڭىشىمنى توختاتقان بەزى ۋەقەلەر بولدى. چۈنكى ناھايىتى تېز ھالەتتە يامان يولغا قاراپ كېتىۋاتاتتىم، ئىشىنىمەنكى داۋاملىق شۇ بويىچە ماڭغان بولسام بىرەرسىگە زىيان يەتكۈزىشىم ياكى ئۆلتۈرىشىم ۋە ياكى بىرەر كىشى ماڭا زىيان يەتكۈزىشى ياكى مېنى ئۆلتۈرىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ يولدا تۇيۇقسىز توختىشىمغا ئىككى ۋەقە سەۋەب بولدى، خۇددى جىددى توختىتىش سىگنالىدەك.

تۇنجىسى بىر قاتناش ۋەقەسى ئىدى. دوستۇم ئىككىمىز ئۇنۋېرسىت يىغىلىشىدىن قايتىپ كېلىۋاتاتتۇق. ماشىنىدا جەنۇبى كارولىنادا مېڭىۋاتاتتۇق. ئىككىلىمىز غەرق مەس ئىدۇق، دوستۇم ماشىنا ھەيدەۋاتاتتى ۋە مەن بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاشقا نىيەت قىلغان ئىدىم. بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش مەستلىكىمدىن ئىدى، نورمالدا تاقىمايتتىم، ئۆلسەم ئۆلەرمەن دەيتتىم. ئەگەر ئەجىلىم توشقان بولسا ئۆلىمەن دەپ ئويلايتتىم، ئاۋال تۆگىنى باغلاپ ئاندىن تەۋەككۈل قىل دېگەنگە ئىشەنمەيتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ كۈنى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىدىم ۋە ئۇيقۇغا كەتتىم. ئويغانغىنىمدا ماشىنا لەپەڭشىۋاتاتتى، دوستۇمنى ئويغاتتىم، ئومۇ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، ئۆلىدىغان بولدۇق دەپ ئويلىدىم. ئەمما ئويغانغىنىمدا كۆرگىنىم بىر دەرەخ ۋە ئاسفالىتنىڭ يۈزۈمگە تېگىشى ، ئەينەك پارچىلىرى ۋە ماشىنىنىڭ نەچچە مېتىر يىراققا قالقىپ كەتكىنى ئىدى. بىر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتىمىز، كېيىن ماشىنىدىن چىققىنىمنىلا ئەسلىيەلەيمەن. ھېچنىمىنى ئويلىماستىنلا قىلغان تۇنجى ئىشىم ماشىنىدىن چىقىش بولدى. كېيىن بىلدىمكى، ماشىنىنىڭ پۈتۈنلەي ماقچىيىپ كەتكەن كەينى تەرىپىدىن چىقىپتىمەن. ماشىنىنىڭ ئارقا تەرىپى يولنىڭ ئۈستىدە ۋە ئالدى قىسمى ئازگالنىڭ ئىچىدە ئىدى. ھۇشسىز ھالەتتە ياتقان دوستۇمنى تارتىپ چىقاردىم. ۋە ئۇنى يولنىڭ بويىغا سۆرەپ ئاپاردىم، مەن يارىلانمىغان ئىدىم، بىرەر يىرىم يارىلانغانمىدۇ