زاكات بىرىش-ئىسلامنىڭ ئۈچىنچى شەرتى

ئىسلامنىڭ ئۈچىنچى شەرتى


زاكات بىرىش


زاكات دېگەن نىمە؟

ئۆشرە، زاكات ئىسلامدا،

بايلار ئۈچۈن پەرىزدۇر.

ئاخىرەت دەپ ئاللاھقا،

تاپشۇرۇلغان قەرىزدۇر.


ھارام بولۇر ئىقتساد،

بىرىلمىسە زاكىتى.

قۇرئان ھەدىس ئىجمادا،

كۆپتۇر ئۇنىڭ پاكىتى.


قىرىققا بىر زاكاتتۇر،

ئالتۇن ھەم تىجارەتكە.

ئوندىن بىرى ئوشرىدۇر،

باغۋەن، دىھقان ئەشرەپكە.


ئۇنى كىملەر بىرىدۇ؟


زاكات ئۈچۈن ئىيمان شەرت،

مۇسۇلمان ھەم ھۆر بولسۇن.

قامداپ ئەسلى ھاجەتنى،

ئىشىپ تۇرغان پۇل بولسۇن.


مۇلكى ئاڭا تەن بولسۇن،

بىر يىل قولدا ئايلانسۇن.

جەمى سەكسەن بەش گىرام،

ئالتۇن بىلەن ئۆلچەنسۇن.


كۆمۈش بىلەن ئۆلچەنسە،

بەشيۈز توقسان بەش گىرام.


زاكاتنى كىملەر ئالسا بولىدۇ؟


بەرگىن دەپتۇ رەببىمىز،

سەككىز يەرگە زاكاتنى.

بەرمىگەنلەر جايىدا،

ئالالمايدۇ ساۋاپنى.


بىرىنچىسى پەقىرلەر،

قىينالغانلار تۇرمۇشتا.

ئىككىنچىسى مىسكىنلەر،

ئۆيسىز ئاچلار دوقمۇشتا.


ئۇچىنچىسى زاكاتنى،

يۈرۈشتۈرگەن خىزمەتكار.

تۆتىنچىسى مۇسۇلمان،

بولىشىدىن ئۈمىت بار.


بەشىنچىسى قۇللارنى،

ئازات قىلىش قۇتقۇزۇش.

ئالتىنچىسى قەرىزدار،

بولسا ئاڭا تۇتقۇزۇش.


يەتتىنچىسى ئاللاھنىڭ،

يوللىرىدا ئاتلانغان.

سەككىزىنچى سەپەردە،

پۇلسىز قالغان خارلانغان.


كىملەرگە زاكات بىرىشكە بولمايدۇ؟


بىرىلمەيدۇ زاكاتنى،

پۇلى بارغا بايلارغا.

پۇت قولى ساق جىنى بار،

ھورۇنلۇقتىن خارلارغا.


تۇل بوپ قالغان ھەمشىرەڭ،

ئوغلۇڭ قىزىڭ ئايالىڭ.

داداڭ ئاناڭ بوۋاڭمۇ،

زاكات ئالماس بىل دائىم.


پەيغەمبەرنىڭ جەمەتى،

زاكات ئالسا بولمايدۇ.

كاپىرلارغا زاكاتتىن،

ياردەم بىرىلمەيدۇ.