ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىت بايراملىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىت بايراملىرى

 

 باھارنىڭ ئىنسانلارغا ئەكەلگەن خۇشاللىقى بىلەن تەنتەنىلىك ۋە دەبدەبىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغان قەدىمي ۋە ئەنئەنىۋىي مىللىي بايراملاردىنى بىرى «نورۇز » بايرىمى بولۇپ ، ئۇ ئۇيغۇر ، قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك،تاتار، تاجىك قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى مىللەتلىرىگە ئورتاق بايرام ھېسابلىندۇ.

 «نورۇز»ئەسلى پارىسچە سۆز بولۇپ،«باھار يامغۇرى»،«تۇنجى باھار كۈنى»دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە (كۈن) كالېندار بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى(ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭشەلگەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«نورۇز بايرىمى»ئەسلى ماھىتى بىلەن يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، بۇ ئەنئەنىۋىي بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە.

«نورۇز » بايرىمىنىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئادەتلىرى مۇنداق:

«نورۇز»كىرگەن كۈنى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، يۇرت-مەھەلللىلەر بويىچە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايرام كىيىملىرىنى كىيىشىپ ، مەنزىرلىك جايلارغا جەم بولىشىدۇ ۋە شۇ سورۇندا «نۇرۇز»غا ئاتاپ تەييارلىغان ھەرخىل ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. خەلق قوشاقچىلىرى «نورۇز»نى مەدھىيلەيدىغان شېئر-قوشاقلارنى ئوقۇشىدۇ،ۋايىز «مەدداھ»لار داستان ۋە ھېكايە-قىسسىلەرنى كۈيلىشىدۇ. سازەندىلەر مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيىتىپ، ئۇسۇل ئوينىشىدۇ. بىر تەرەپتىن چەۋەندازلار ئورغاق تارتىدۇ، ئات بەيگىسى ئۆتكۈزىدۇ،دارۋازلار ئېگىز دار ئۈستىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ ، مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ، قىزلار مەجنۇنتاللارغا ئىلەنگۈچ سېلىپ لەرزان پەرۋاز قىلىدۇ، بىر تەرەپتىن ئولتۇرۇش قىزىپ«ئون ئىككى مۇقام»داستانلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. قىسقىسى، ھەر كىم ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ماھارەت  كۆرسىتىپ، بايرام خوشاللىقىنى نامايەن قىلىدۇ. «نورۇز»مۇراسىملىرىغا مەكتەپ بالىلىرىمۇ كوللىكتىپ قاتنىشىدۇ. ئۇلار مۇئەللىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سەپ-سەپ بولۇپ ، گۈللۈك تاختىلارغا يېزىلغان «نورۇزنامە»لىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلىشىدۇ.

 «نورۇز»،مۇراسىملىرىدا جامائەتتىن ئىختىيارىي يىغىش قىلىپ، مەخسۇس نورۇز ئېشى تەييارلىندۇ (ئابسىنىن).نورۇز ئېشى ئەنئەنە بويىچە يەتتە ياكى توققۇز خىل ماتىريالدىن تەييارلىنىدىغان كۆجە بولۇپ، بۇغداي، ئارپا،گۈرۈچ،تېرىق،گۆش،سۈت،سۇ قاتارلىقلارنى ئارلاشتۇرۇپ پىشۇرىدۇ. بەزىدە گۆش ئورنىغا كاللا-پاقالچاق ۋە زاسۈيلەرنى قوشىدۇ.«نورۇز»مۇراسىىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى «نورۇز» ئېشىغا ئېغىز تەگكۈزۈش شەرت قىلىنىدۇ.

 تارىخي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «نورۇز»بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى ئۇزۇن ياكى قىسقا بۇلۇشى مۇمكىن.لېكىن،قەدىمكى ئەنئەنىلەردىن قارىغاندا، بۇ بايرامنىڭ ۋاقتى ئىككى ھەپتە، يەنى ئون بەش كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن.ھازىر كۆپ رايونلاردا «نورۇز» بايرىمى ئۈچ كۈن قىلىپ خاتىرلىنىدۇ.

«نورۇز»بايرىمىدا ئوينىلىدىغان ھەرخىل پائالىيەتلەر ھەمدە ئۇنىڭغا بېغىشلانغان «نورۇزنامە» لەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، قىش-زىمستاننى قوغلاش، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتۈۋېلىش، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خوشاللىق ئەكېلىشىنى تىلەش ، يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش، كىشلەرنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئۈندەش، ئىناق ۋە ئىتپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىش ، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىجدىمائىي  مەزمۇنلارنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.


 ھېيىت


ئۇيغۇرلارنىڭ ئارسىغا ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كېيىن ، بۇ دىنغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە بايراملاربارلىققا كەلدى. روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىتلار شۇنىڭ جۈلىسىدۇر. بۇ بايرامنىڭ دىني تۈسى ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرامغا ئايلىنىپ كەتتى.

  روزا ھېيىت

 مۇسۇلمانلار ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئوتتۇز كۈن روزا تۇتقاندىن كېيىن ، ئۆكۈزۈلىدىغان بايرام.«روزا تۇتۇش» مۇسۇلمانلار قىلىدىغان بەش پەرىزنىڭ بىرى. روزا تۇتقان كۈۈلەردە روزا تۇتقۇچى تاڭ سەھەردە «تاڭ يورۇماستا» تاماق يەيدۇ. بۇ تاماق «زولۇق» دەپ  ئاتىلىدۇ. كەچتە نامازشام ۋاقتىدا«ئىپتار » قىلىنىدۇ. بۇ «ئېغىز ئېچىش»دەپ ئاتىلىدۇ. روزا تۇتقۇچى «زولۇق» تىن «ئىپتار» غا قەدەربولغان ئارلىقتا ھېچ نەرسە يېمەيدۇ، ئىچمەيدۇ. ھەتتا تاماكا چېكىدىغانلار تاماكىمۇ چەكمەيدۇ، بۇنىڭغا رىئايە قىلمىغاندا روزا بۇزىلىدۇ،«گۇناھ»بولىدۇ. «زولۇق»تا قۇۋەتلىك تاماقلار يېيىلىدۇ.«ئىتار»دا بولسا سۇيۇق-سەلەڭ نەرسىلەر يېيىلىدۇ.

 ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۈچ كۈن بايرام قىلىنىدۇ. بايرامنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەرلەر جامەگە يىغىلىپ ھېيىت نامىزى ئوقۇيدۇ. ناماز يانغاندىن كېيىن ،

 قەبرىستانلىققا چىقىپ قەبرە يوقلايدۇ، قەبرىستاندىن  قايتىپ، كىچىكلەر ئالدى بىلەن ئاتا - ئانىسىنى يوقلايدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 

ئۆز-ئارا ھېيىتلىشىش باشلىنىپ كېتىدۇ.

 روزا تۇتىۋاتقان مەزگىلدە ياشلار ۋە بالىلار ئارىسىدا «رامزان ئېيتىش» ئادىتى شەكىللەنگەن.بۇلار ئىپتار ۋاقتىدا مەھەللە ئارلاپ يۈرۈپ، ھەر بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ «رامزان قوشاقلىرى»ئېيتىدۇ. ئۆي ئىگىسى ئۇلارغا ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى بېرىدۇ. «رامزان قوشاقلىرى» نىڭ مەزمۇنى كىشلەرنى روزا تۇتۇشقا ۋە سادىغا بېرىشكە دالالەت قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

  قۇربان ھېيىت

بۇ ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەڭ زور ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، ئۇزۇن تارىخا ئىگە.رىۋايەت قىلىنىشىچە، قۇربانلىق قىلىش ئادىتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 12-ئەسىردە ياشىغان پەيغەمبەر ئىبراھىمنىڭ ئۆز ئوغلى ئىسمايىلىنى مىنا تېغىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاللغا بولغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ھەركىتىدىن ئىبارەت. قۇربانلىق قىلىش ھىجىرىيە كالېندارى بويىچە زۇلھەججەنىڭ ئونىنچى كۈنى بولىدۇ. شۇ كۈنى كىشىلەر جامەگە يىغىلىپ ھېيىت نامىزى ئۆتەيدۇ. نامازدىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتىشىپ قۇربانلىق ئۈچۈن ھازىرلىغان ماللىرىنى سويىدۇ. ئونىڭدىن كېيىن قۇلۇم-قوشنا، ئۇرۇق-تۇغقان،ئەل-ئاغىنلەر ئۆز ئارا ھېيىتلىشىدۇ.

 ئۇيغۇرلاردا ھېيىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرمۇنچە ياخشى ئادەتلەر شەكىللەنگەن.مەسىلەن:

  1) ھېيىتتن بۇرۇن چوڭ تازلىق قىلىنىدۇ. ئۆينىڭ تام تۇرۇسلىرىنى سۇپۈرۈپ، ئۆينى تازلايدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆينى ھاك بىلەن ئاقارتىدۇ. ئۆينى كۆتۈرۈپ قاقىدۇ، كىر يۇيىدۇ. ئائىلىنىڭ چوڭ-كىچىك ئەزالىرى يۇيۇنۇپ تارىنىدۇ.

  2) ئائىلە ئەزالىرى ھېيىتلىق بىرەر قۇردىن يېڭى كىيىم كىيىدۇ، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارغا يېڭى كىيىم قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلارنى چىرايلىق ياساندۇرۇپ قويىدۇ.

  3) ئاياللار ھېيىتتىن بۇرۇن ھېيىت ئۈچۈن ساڭزا ، قېيىقچە ۋە تۈرلۈك پېچىنە-پىرەنىڭ قاتارلىقلارنى پىشۇرىدۇ. ھېيىت كۈنى داستىخان ناھايىتى مول راسلىنىدۇ.

  4) ئۇرۇق-تۇغقانلار ھېيىتلاپ كەلسە، كىچىك بالىلارغا ھېيىتلىق پۇل تۇتقۇزۇپ قويىدۇ.

  5) ھېيىت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن جامەگە باغۇچىلار غېرىپ-غۇرۇۋارلارغا ئالاھىدە سادىغا بېرىدۇ. شۇنداقلا بايراملار رامىزان ئېيىدا ئۆز تەئەللۇقاتىنىڭ قىرىقتىن بىرىنى ئايرىپ، كەمبەغەللەرگە زاكات بېرىدۇ.

 6)ھېيىت بايراملارنىڭ ئەڭ ئېسىل خاسىيىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى ، ئۇرۇق-تۇغقان،ئەل-ئاغىنە ۋە قۇلۇم-قۇشنىلار ئارىسدا ئازارلىشىپ يۈرگۈچىلەر تەشەببيسكارلىق بىلەن بىر-بىرىنىڭ ئائىلىسىگە ھېيتىلاپ كىرىپ ، ئوتتۇرىدىكى ئادەۋەتنى يۇيۇپ تاشلايدۇ ھەمدە ياخشى بولۇشۇپ قالىدۇ.

  7)ھېيىتتا ئاياللار مېھمان كۈتۈش بىلەن بولۇپ باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھېيىتلاپ كىرەلمىگىنى ئۈچۈن ئۈچ كۈن ھېيىت تۈگىگەندىن كېيىن، ئاياللار ئۆز ئارا ھېيتلىشش باشلىنىپ كېتىدۇ ۋە ھېيىت چېيى ئويۇشتۇرىدۇ. بۇچاي  ھېيىت ئېيى تۈگىگىچە داۋاملىشىدۇ.



مەنبە: مۇئەلللىم تورى