«قۇرئان كەرىم ئەپ دېتالى»نىڭ Android نۇسخىسى يېڭى نەشرى تارقىتىلدى

ئەپ دېتالنىڭ بۇ قېتىمقى نەشرىگە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئىككى يېڭى تەرجىمىسى ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى تەپسىرى قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن دېتالىمىزدىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمە تۆتكە، تەپسىر ئۈچكە يەتتى.
قوشۇلغان تەرجىمە ۋە تەپسىرلەر: 
- م. يۈسۈپ تەرجىمىسى.
- ئە. ئالىم تەرجىمىسى.
- تەپسىرى زەرىف.
- تەپسىرى مۇيەسسەر.

ئەپ دېتالنىڭ بۇ قېتىمقى نەشرىگە قوشۇلغان باشقا يېڭىلىقلار:
- پاكىستان ۋە تۈركىيە نۇسخىلىرى قوشۇلدى.
- ئىزدەش ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلدى.
- تەرجىمە ھۆججەتلىرىدە مەسىلە كۆرۈلسە ئەپ ئىچىدە يېڭىلاش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- قۇرئان كەرىم ئوقۇۋاتقاندا ئېكران دائىم ئوچۇق تۇرىدىغان تەڭشەلدى.
- تەرجىمە ئېكرانى چوڭايتىلدى ۋە ئالدى كەينىگە يۆتكەش، خەتنى چوڭ - كىچىك تەڭشەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- تەپسىر ئوقۇش ئېكرانىغا خەتنى چوڭ - كىچىك تەڭشەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
رامىزان ئېيىڭلار قۇرئان بىلەن زىننەتلەنسۇن.

«قۇرئان كەرىم ئەپ دېتالى» بۇ ساھەدىكى ئەپ دېتاللار ئىچىدە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە لايىھەلەنگەن، قوللىنىشچان ۋە ئۆزگىچە دېتال بولۇپ ھازىرغىچە قوشۇلغان ئاساسلىق مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:

- قۇرئان كەرىم تېكستى، ئۈچ خىل نۇسخىسى
-  30 غا يېقىن ئەرەب قارىيلىرىنىڭ تولۇق تىلاۋىتى.
- ئىككى ئۇيغۇر قارىينىڭ تولۇق تىلاۋىتى (خۇدايىم بۇيرۇسا پات-يېقىندا يەنە ئىككى - ئۈچ قارىينىڭ تولۇق تىلاۋىتى قوشۇلىدۇ).
- قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ 4 خىل نۇسخىسى.
- بىر تۈرك قارىينىڭ تولۇق تىلاۋىتى.
- ئوننەچچە خىل تىلدىكى قۇرئان كەرىم ئاۋازلىق تەرجىمىسى. 
- دۇئا ۋە زىكىرلەر.
- ئايەتلەرنىڭ تېمىلار بويىچە ئايرىلغان نۇسخىسى (ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە)
- قۇرئان ۋە تەجۋىد دەرسلىكى سىن ھۆججەتلىرى.

ئاخىرىدا بۇ ئەپ دېتال ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بىزنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن، بىۋاسىتە قول تىقىپ ئىشلىگەن بارلىق دوستلارغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. بۇ ئەپ دېتال قۇرئان كەرىمنى ياخشى چۈشىنىشىمىزدە ھەر بىرىمىزنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھى بولۇپ قالغۇسى! 
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت رەببىمىزدىن.
ھۆرمەت بىلەن: ئەۋلاد گۇرۇپپىسى
ئەپ دېتال چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.qurankerim.com/app 

dital3

dital4

dital6

 

Powered by codernine.com