روزا تۇتۇش-ئىسلامنىڭ تۆرتىنچى شەرتى

روزا تۇتۇش

روزا تۇتۇش دېگەن نىمە؟


بىر ئاي روزا تۇتىمىز،

ھەقتىن ساۋاب كۈتىمىز.

يىمەي، ئىچمەي كەچكىچە،

پەرھىز بىلەن ئۆتىمىز.


روزا تۇتۇش بىزلەرگە،

رەببىمىزنىڭ پەرمانى.

رامىزاندا كۈچىيەر،

مۇسۇلماننىڭ ئىمانى.


ئاچۈ- زارنىڭ دەردىنى،

روزا تۇتۇپ بىلىمىز.

فىترە بىرىپ ھېيت كۈنى،

ھەممە ئورتاق كۈلىمىز.


رامىزان ۋاختى قاچاندىن باشلىنىدۇ؟


رامىزاننىڭ ئېيىنى،

ئىزلەپ كۆككە قارايمىز.

بىلەلمىسەك شەئباننى،

ئوتتۇز قىلىپ سانايمىز.


كىملەرگە رامىزان روزىسى ۋاجىب بولىدۇ؟


ئاقىل، بالىغ، مۇسۇلمان،

مۇقىم بولسا ھۆر بولسا.

بالىغ بولغان ئاياللار،

ھەيىز، نىپاسدىن پاك بولسا.


نىيەت قىلسۇن كىچسى،

تاڭدا روزا تۇتۇشقا.

ئاي بېشىدا بىر نىيەت،

يېتەر بىر ئاي تۇرۇشقا.


سەھەردىن كۈن پاتقىچە،

كىشكە ئازار بەرمىسۇن.

يەپ ئىچمىسۇن ئەر-ئايال،

مۇناسىۋەت قىلمىسۇن.


روزىدىكى ئۆزىردارلار كىملەر؟


بولغاچ ئاجىز بەندە بىز،

بەك كۆيۈمچان رەببىمىز.

كېسەل ياكى سەپەردە،

بولساق كېين تۇتۇمىز.


ھەيزدار ھەم ھامىلدار،

يا قۇچاقتا بالىسى.

تۇتۇۋالسۇن كىينچە،

قالغان بولسا چالىسى.


فىديە بەرسۇن قېرىلار،

مەڭگۈ ئاجىز كەلگەنلەر.

ئۈچ ۋاخ تاماق بىر كۈنگە،

بەرسۇن فىديە بەرگەنلەر.


روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار ۋە ئۇنىڭ كاپپارىتى قايسىلار؟


ئە-ئايال بىرگە بولسا،

بىلىپ تۇرۇپ يەپ ئىچسە.

ھەيز نىپاس باشلانسا،

قەستەن مەنى كەلتۇرسە.


قەستەن قۇسسا ۋە ياكى،

بىھۇش بولسا پۈتۈن كۈن.

نىيەت قىلسا بۇزۇشنى،

يا مۇرتەدلىك ئۆتۈلسۇن.


قان ئالدۇرسا، قان سالسا،

قۇۋۋەت ئوكۇلى ئۇرسا.

چەكسە نىشە، تاماكا،

پۇراش ئۈچۈن دۇت سالسا.


ئۇنتۇش ياكى سەھۋەنلىك،

بۇزماس روزا نىيەتنى.

قەستەنلىك ئۇ جىنايەت،

بۇلغار پاكىز ھاياتنى.


مۇرتەدلىككە فىديە يوق،

ئۆلۈم ئۇنىڭ جازاسى.

باشقىسىغا تەۋبە ھەم،

فىديە بولۇر قازاسى.


قۇل ئازات قىلسۇن ياكى،

روزا تۇتسۇن ئىككى ئاي.

تاماق بەرسۇن ياكى پۇل،

تويغۇدەك ئاتمىش گاداي.


ئۆلۈپ كەتسە بىر كىشى،

روزىسىنى تۇتالماي.

تۇتۇپ قويسۇن تۇققىنى،

قېپقالمىسۇن ئۇقالماي.


نەپلە روزىنىڭ پەزىلەتلىرى قايسى؟ چەكلىنىدىغان ۋاقىتلىرىچۇ؟


يىل ئىچىدە ھەممە كۈنلەردە،

روزا تۇتسا ئارتۇق ساۋاپ بار.

ئەمما بەزى كۈنلەر روزىنى،

تۇتقان كىشى بولۇر گۈناھكار.


ئىككى ھىيتنىڭ ئايەم كۈنلىرى،

قۇربان ھېيتنى ئۆتكۈزۈپ ئۈچ كۈن.

ئالدى كەينى ئۇلانسا مەيلى،

ئەمما جۈمە مەخسۇس تۇتمىسۇن.


ئاللاھ رەھمەت قىلغاي قوللىغاي،

روزا تۇتسا تەنھا بويتاقلار.

يىقىنلىشار رەببىگە شۇنچە،

يەنە ئىپپەت نومۇسنى ساقلار.


دۈشەنبە ھەم پەيشەنبە بولسا،

بىر ھەپتىنىڭ ساۋاپلىق كۈنى.

ئون ئۇچ، ئون تۆت، ئون بەشى ئاينىڭ،

ئاق كۈنلەردۇر قەدىرلەڭ ئۇنى.


مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنى،

ئاشۇرا دۇر پەزلى تەڭداشسىز.

زۇلھەججىگە توققۇز ئەرەپە،

بىلمىسىڭىز نادان بەڭۋاشسىز.


ئاشۇرا ھەم ئەرەپە روزا،

كاپارەتتۇر ئۆتكەن يىل ئۈچۈن.

ئەرەپە ھەم رامىزان بىلەن،

روزا تۇتقان ھىساپ يىل پۈتۈن.


رامىزاندىن كىين شەۋۋالدا،

ئالتە كۈنمۇ بىر يىل تولۇقلار.

مۇھەررەم ۋە شەئبان ئېينى،

تەقۋادارلار بەكمۇ ئۇلۇغلار.


لەيلەتۇل قەدرى


لەيلەتۇل قەدرى كىلىپسىز مەرھابا،

قەلبىمىزدە ئويغىتىپ چەكسىز تاما.

ئۆتتى مىڭ ئاي بىر كىچە ئىنكاسىدا،

سىيپىغاندا يۈزىمىزنى تاڭ ساباھ.


رەببىمىز كۆپلەپ تەشەككۈر بۇ كىچە،

ئۆمرىمىزگە بەرىكەت قوندۇردىڭىز.

بىزگە رەھمەتلەر قىلپ بىر كىچىگە،

ئۆمرىگە سىغماس ساۋاپ سىڭدۇردىڭىز.


بىر كېچە تەڭ بولسا ئۈچمىڭ كېچىگە،

قايسى جەننەت ئاشىغى كۆپ ئۇخلىغاي.

شۇ كېچە پاكلانمىغان غاپىل قەلىب،

نەدىمۇ جەننەتكە ئىشتەي ساقلىغاي.


شۇ كىچەدە بىر قىتىم قلىساڭ دۇئا،

ئۇخلىماي ئۈچمىڭ قىتىم قىلغانغا تەڭ.

كەچۈرۈم قلىساڭ ئەگەر بىر خەستىنى،

سەن ئۈچۈن ئۇچمىڭ كۆڭۇل ئالغانغا تەڭ.


ئى قېرىنداش كەتمىسۇن بوش ، ئىلتىپات،

مىھرىبان ئاللاھ ساڭا بەرگەي سوغات.

ئۇخلىما ئۇخلاتما ھەم ئاشنالىرىڭ،

ئون كىچە باغلا بىلىڭ شەيتان يوقات.


توختىما ھاجەت تىلە قۇرئان ئوقۇ،

كەچلىرى زار يىغلىغىن ئاللاھ ئۈچۈن.

ئاشۇ خىلۋەت قوينىدا ھالىڭنى تۆك،

قالمسىۇن قەلبىڭ ئارا ھىچبىر تۈگۈن.


سائىتىڭ سەككىز يىلىڭغا تەڭ ئىكەن،

بىر تىنىقنىڭ مەزگىلى ئەللىك كىچە.

نە تىلەرسىز سىزگە شەپقەتلىك خۇدا،

يەتكۈزۈپتۇ ئۆمرىڭىزنى شۇڭغىچە.


ئتىكاپ دىگەن نىمە؟


رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى،

ئىتىكافنىڭ ساۋابى كۆپتۇر.

پەيغەمبەردىن نەمۇنە بىزگە،

ئۈممەت ئۈچۈن ئۇلۇق سۈننەتتۇر.


نەپلە ناماز ،دۇئا ئىستىغپار،

ئىبادەتتە تۇرسۇن مەسجىددە.

چىقسا بىكار بولۇر ئىتىكاف،

پەقەت خالا، مۇنچا رۇخسەتدە.


ئىسلام كالىندارىنىڭ ئاي ناملىرىنى بىلەمسىز؟


مۇھەررەم، سەپەر، رەبىئۇل ئەۋۋەل،

رەبىئۇل ئاخىر، جامادىيەل ئەۋۋەل.


جامادىيەل ئاخىر، ئۆتسە رەجەپتۇر،

شەئەبان ،ئاندىن كىلەر قاراپ تۇر.


رامىزان شەۋۋال زۇلقەئدە سالام،

زۇلھەججە بىلەن بولۇر يىل تامام.