ئادەم ئەلەيھىسسالام

بىرىنچى قىسسە ئادەم ئەلەيھىسسالام

 

1. ﷲبىلەن پەرىشتىلەر ئوتتۇرىسىدا

 

ﷲئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشتىن ئىلىگىرى پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى.

پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى پاك ۋە مۇقەددەس دەپ مەدھىيىلەيمىز» دېدى.

ﷲ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى بىلىمەن. مەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ئادەمنى يارىتىمەن. مەن ئۇنى تولۇق يارىتىپ، سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، (ئەزالىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» دېدى

2.ئادەم ئاتىنىڭ يارىتىلىشى

ﷲقۇرۇق لايدىن ئادەم ئاتىنى يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆز روھىدىن پۈۋلىدى (يەنى جان كىرگۈزدى) ھەمدە ئادەم ئەلەيھىسسالامغا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ: «(خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى.

پەرىشتىلەر: «سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى.

ﷲ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئاتا ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەردى، ﷲ: «مەن سىلەرگە، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى

3.شەيتاننىڭ ئاسىيلىقى

ﷲپەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدى. پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ ئايرىلىپ قالماي ھەممىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلدى. پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، ئۇ تەكەببۇرلۇق قىلىپ، كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى.

ﷲ(ئىبلىسقا): «سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى.

ئىبلىس: «قۇرۇق لايدىن يارىتىلغان ئىنسان مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق ئەمەس، مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.

ﷲ(ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇيەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ. يوقال، سەن قوغلاندى بولدۇڭ، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن.»

ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا خالايىقلار تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى)گىچە مۆھلەت بەرگىن (مېنى ھايات قالدۇرغىن)» دېدى.

ﷲ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ، ساڭا قىيامەت كۈنىگىچە لەنەت بولسۇن» دېدى.

ئىبلىس ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا (گۇناھلارنى) چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن. سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش مەقسىتىدە چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن، ئاندىن ئۇلارغا ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭدىن، سولدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن».

ﷲئېيتتى: «جەننەتتىن ئەيىبلەنگەن ۋە (رەھمىتىمدىن) مەھرۇم قىلىنغان ھالدا چىق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قوشۇپ، ھەممىڭلار بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن.»

4.ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا جەننەتتە

ﷲھەۋۋا ئانىنى يارىتىپ، ئۇنى ئادەم ئاتىغا جۈپ قىلىپ بەردى، ئۇلارنى راھەت-پاراغەت ماكانى بولغان جەننەتكە كىرگۈزدى. ئاندىن ﷲئۇلارغا: «ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ بىلەن ئىككىڭلار بىللە جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، (ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭلار) زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدى.

بىراق، شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلدى. ئۇلارنى ئازدۇرۇپ، زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا: «سىلەر بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يەپ بېقىڭلار، ‹پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرنى بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشتىن مەنئى قىلغانلىقى سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر، ئى ئادەم! (مەن ساڭا يېگەن ئادەم) ئۆلمەيدىغان دەرەخنى ۋە زاۋال تاپماس پادىشاھلىقنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟›» دېدى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا: «مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى.

ئاخىرى شەيتان ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى ئازدۇرۇپ، چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى ئۇلارغا يىگۈزدى، نەتىجىدە ئۇلارنى تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى (يەنى يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى. دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى.

5.ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈرۈۋېتىلىشى

ئادەم بىلەن ھەۋۋا ئانا شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ﷲنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئۇنتۇپ، چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يەپ ﷲنىڭ غەزىبىگە يولۇقتى. ﷲ(ئۇلارغا كايىپ): «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېمىگەنمىدىم؟» دەپ نىدا قىلدى.

ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى.

ﷲئېيتتى: «سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ۋە بىر ـ بېرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق (ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە (نېمەتلەردىن) بەھرىمەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنڭلار.»

شۇنداق قىلىپ ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا زېمىنغا چۈشۈرۈلدى. ﷲنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يىگەنلىكى ئۈچۈن، جەننەتىن مەھرۇم بولۇش جازاسىغا ئۇچرىدى. زېمىنغا شەيتانمۇ ئۇلار بىلەن بىللە چۈشتى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئىنسانىيەتنىڭ زېمىندىكى جاپا-مۇشەققەتلىك ھاياتى باشلاندى.

6.ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ تەۋبىسى

ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا زېمىنغا چۈشۈرۋىتىلگەندىن كېيىن، خاتالىقى ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلدى. قىلمىشىغا ئۆكۈنۈپ زار-زار يىغلىدى. گۇناھى ئۈچۈن ﷲغا تەۋبە قىلدى. كېچە-كۈندۈز ﷲدىن گۇناھىنى ئەپۇ قىلىشىنى تىلىدى.

چۈنكى، ئىنسان ئۈچۈن ﷲنىڭ رەھمىتىدىن مەھروم بولۇپ، ئۇنىڭ جازاسىغا ئۇچراش ۋە ئۇنىڭ مەغپىرىتىگە ئىرىشەلمەسلىكتىنمۇ ئېغىر زىيان ۋە بەختسىزلىك بولمايتتى.

«ئادەم (ئەلەيھىسسالام) پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە سۆز تەلىم ئالدى (يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى)، ﷲئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى.»

ﷲئىنسانلارنى شەيتاننىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىشقا، ئاتىسى ئادەمدىن ئىبرەت ئېلىپ، ھەر ۋاقىت سەزگۈر ۋە ھۇشيار بولۇشقا بۇيرىدى.

ﷲمۇنداق دېدى: «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا ـ ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق.»

7.ھابىل بىلەن قابىل

ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى ھابىل يەنە بىرىنىڭ ئىسمى قابىل ئىدى. ﷲزۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن ئوغۇللىرىغا قىزلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويدى. ھەۋۋا ئانىمىز ھەر بىر قىتىم قورساق كۆتۈرگەندە بىر ئوغۇل ۋە بىر قىز تۇغاتتى. بىر قىتىملىق قورساق كۆتۈرۈشتىن تۇغۇلغان ئوغۇلغا يەنە بىر قىتىم قورساق كۆتۈرۈشتىن تۇغۇلغان قىزنى ئېلىپ بېرەتتى. ھابىلنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ تۇغۇلغان ھەمشىرىسى سەت، قابىلنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ تۇغۇلغان ھەمشىرىسى چىرايلىق بولۇپ، قابىل ھەمىشىرىسىنى ھابىلغا بەرمەي ئۆزى ئالماقچى بولدى. بۇنى ئادەم ئەلەيھىسسالام رەت قىلىپ، ئۇلارغا قۇربانلىق قىلىشنى، قايسىسىنىڭ قۇربانلىقى قۇبۇل قىلىنسا، ئۇ چىرايلىق قىزنى شۇنىڭغا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھابىل بىلەن قابىل ئىككىسى قۇربانلىق قىلدى. ھابىلنىڭ قۇربانلىقى قوبۇل بولۇپ، قابىلنىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا) «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېدى، ھابىل نېمىشقا دېۋىدى، قابىل: «ﷲسېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭكىنى قوبۇل قىلمىدى» دېدى. (ھابىل) ئېيتتى: «ﷲپەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ، گەرچە سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىساڭمۇ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ﷲدىن قورقىمەن، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ مېنى ئۆلتۈرگەنلىك گۇناھىڭنى ۋە ئاتاڭ ئادەمنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق گۇناھىڭنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخلاردىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن، (كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر.»

قابىلنىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشى ھابىلنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن قابىل قېرىندىشى ھابىلنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى. قابىل ھابىلنىڭ جەسىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ يۈردى. ﷲئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. قاغا (تۇمشۇقى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن) يەرنى كولىدى. قابىل (بۇنى كۆرۈپ): «ۋاي ئېست، مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىك بولالمىدىممۇ؟» دەپ ھەسرەت چەكتى. ئۇ قاتىللىق جىنايىتى سادىر قىلىپ، پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولدى.

8.ئادەم ئاتىنىڭ ۋاپاتى

ئادەم ئاتا زېمىندا ياشاپ 1000 يىل ئۆمۈر كۆردى. ئۇ جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈرۋىتىلگەندە، ھىندىستاندىكى بىر تاغقا چۈشكەن بولۇپ، ۋاپات بولغاندا ئاشۇ تاغنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.

ئادەم ئاتا ﷲئۆز قولى بىلەن تۇپراقتىن يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆز روھىدىن پۈۋلىگەن، بارلىق پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان ئۇلۇغ ۋە ئەزىز ئىنسان ئىدى.

شەيتاننىڭ ئادەمگە سەجدە قىلماسلىقى سەۋەبىدىن ئادەم بىلەن شەيتان ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت تۈنجى قەدەمدىلا ئاشكارىلاندى، يەنى ئادەم ئاتا شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ﷲنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، نازۇ-نېمەتلىك جەننەتتىن جاپا-مۇشەققەتلىك زېمىنغا چۈشۈرۈۋىتىلدى.

بۇ ئونتۇلماس تارىخىي ۋەقە بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، شەيتان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك ئىنتايىن قاتتىق ۋە كۈچلۈكتۇر، شۇڭا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشمۇ ئىنتايىن كەسكىن ۋە رەھىمسىزدۇر. كىمىكى شەيتاندىن ياخشىلىق ئۈمىد قىلىپ، غەپلەتكە چۆكسە ئادەم ئاتىغا ئوخشاش جەننەتتىن مەھرۇم بولۇپ، ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ.