ئەۋلاد تور بېكىتى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بىز ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن تەربىلىنىشى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىڭىزدۇرمىز.
بىز يۇقىرىدىكى مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن زاماننىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئۇچۇر دەۋرىنىڭ نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئەۋلات تورىنى خىزمىتىڭلارغا سۇندۇق.
تور بېتىمىز، ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئەخلاقلىق بولۇپ تەربىيلىنىشى ئۈچۈن سىزگە زاماننىڭ تەلىۋىگە، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى مەخسەت قىلىدۇ. بۇ يولدا ماددى-مەنىۋى جەھەتتىن بىزگە يار-يۈلەك بولۇشىڭىزنى، قولىڭىزدىن كېلىشىچە
بىز بىلەن ھەمدەم بولۇشىڭىزنى، تور بېتىمىزنى، تور بېتىمىزدىكى ماتېرىياللارنى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ يەتكۈزۈشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمىز.
تور بېتىمىزدىكى ماتېرىياللار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان بولۇپ، نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئائىت. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز تور بېتىمىزدىكى ماتېرىياللارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە قانچە كۆپ كىشىگە يەتكۈزسىڭىز بىز شۇنچە خوش بولىمىز. ئەگەر ماتېرىياللار، بىرەر كىشىنىڭ دىنىمىزنى چۈشىنىپ، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ياشىشىغا ۋەسىلە بولالىسا، بىز كۆپتىن كۆپ خۇرسەن بولىمىز، تور بېتىمىزمۇ مەخسىتىگە يەتكەن بولىدۇ. ئەمما كىمدە كىم تور بېتىمىزدىكى ماتېرىياللارنى تىجارىي يەنى پۇل تېپىش مەخسىتى بىلەن كۆپەيتىپ تارقاتسا، بۇنىڭغا رازىلىقىمىز يوق!!! بۇنداق قېرىنداشلارغا ئاللاھتىن ئىنساپ تەۋپىق تىلەيمىز!
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر-ئىككى مەسىلە بار. بۇلارنىڭ بىرى شۇكى، ئەۋلات تورىدىكى ماتىرىياللاردا مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق. شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ماتىرىياللارنى ئۆزلىرى ياقتۇرغان پاكىز تور بەتلەردە تەشۋىق قىلىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ كىشىگە يەتكۈزسىڭىز شۇنچە ياخشى! باشقا تور بەتلەرگە نەقىل قىلماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى، بۇ خىزمەتنى قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت دەپ بىلگەيسىز!
ئاخىرىدا قېرىنداشلىرىمىزدىن بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماسلىقلىرىنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن ئەۋلات تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قېرىنداشلىرىڭلار

بېكەت ئادرېسىمىز: http://www.ewlat.net

ئالاقە: admin@ewlat.net   ewlatnet@gmail.com

تۇغ ئادرېسى: http://www.ewlat.net/logo.gif

(0)